مۇھەببەت

         
مۇھەببەت

رەيھانگۈل غوجى

ئاددىيغىنا بىر ھۇجرىدا كۆلبىدە،
بىر جۈپ ۋىسال قۇچاق ئاچقان بەخىتكە.
مۇھەببەتكە تولغان بولغاچ تۇيۇلار،
ئولتۇرغاندەك ئېسىل قەسىر تەخىتكە.

بىر كۈن ئايال تاماق ئېتىش ئۈستىدە،
كەستى پىچاق تۇيۇقسىزلا قولىنى.
كۆرۈپ بۇنى تەمتىرەپلا ماڭدى ئەر،
دورىگەرگە ئۈنسىز تەڭلەپ پۇلىنى.

ھەيرانلىقتا ھاڭ-تاڭ بولدى دورىگەر.
چۈشەنمىدىم زادى نىمە ئالىسەن؟
قاندق دىسۇن تىلسىز تۇرسا نەچارە،
غەمدە قالدى «قانداق قىلسام بىلىسەن؟»

كەلدى شۇئان خىيالىغابىر ئامال،
يانچۇقىدىن قەلەمتىراچ چىقاردى.
بارمىقىنى ئىككىلەنمەي كەستى ئۇ،
جۈپتى ئۈچۈن ئىسسق قانلار چىقاردى.

جىددىيلىشىپ پىلاستىرنى دورىگەر،
چاپلىماقچى بولدى ئۇنىڭ قولىغا.
رەت قىلىپلا يۇلۇپ ئالدى قولىدىن،
يۈگرۈپ ماڭدى راۋان بولۇپ يولىغا.

تەسىرلىنىپ كۆزى ياشلاپ ئايالى،
ھەمراھىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتى.
«ياخشى كۆرىمەن»دىيىش پەرزمۇ كۆرۈڭلار!!!
«گاچا»تۇرۇپ« بىجرىم» كۆڭلىنى ئۇتتى.

ئىبرەت بولدى،ئەڭ مۇھىمى سۆز ئەمەس،
ياكى مەستخۇش قادالغان جۈپ كۆز ئەمەس.
مېھىر بېرىپ،مېھىر ئېلىپ ياشىغىن،
ھاياتلىق بىر كەتسە كەلمەس يۈز ئەمەس.!!!
دىلى باشقا،تىلى باشقا ناداننىڭ،
ماڭغان يولى جاھالەتتۇر،تۈز ئەمەس.
رەيھانى
2017.04.08

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!


     





139 قېتىم كۆرۈلدى رەيھانگۈل غوجى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-16 16:49:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ