چاقچاقلىرىڭ ئ‍ېغىركەن دۇنيا

چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا

 

گۈزەل

 

كۈلمەك بولۇپ يارالغان كۆزلەر،

 كۈلۈشلەرگە كۆنگەن كۆڭۈللەر.

 قايان كەتتى ئاشۇ كۆنۈشلەر،

 چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا.

 

 كۈتۈشلەردە قىلىپ ئىنتىزار،

 كۈتكەنلەرنى قاخشاتتىڭ زار زار.

 كۈتۈش كىمگە بولغان ئىختىيار،

 چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا.

 

 ئەللەي ئەتكەن بۆشۈكلىرىڭدە،

ئەللەيلەتتىڭ قىسمەتلىرىڭدە.

 ھالسىراتتىڭ كەچمىشلىرىڭدە،

 چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا.

 

 ئۆتمۈشلەردىن سۈرگەندە خىيال،

 خىجالەتتە قىيناركەن سوئال.

 ھايات ئىيتۇر: ئۇيالغىن ئۇيال،

 چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا.

 

 تامايىم يوق ئالقىشلىرىڭدىن،

 ئالقىشلاردا كۈيلەشلىرىڭدىن.

ئەنسىرەيمەن قارغىشلىرىڭدىن،

 چاقچاقلىرىڭ ئىغىركەن دۇنيا.

 

2015-8-14





438 قېتىم كۆرۈلدى Guzal ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 0:47:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ