مەي (شېئىر)
ئىسلامجان ماخمۇتجان
مەي ، ئېيتقىنا ئەپسۇنىڭ نېمە؟
ئازاپلىق كۆڭۈلگە بەرگىنىڭ نېمە؟
دائىما ئىزلەركەن سېنى سېغىنىپ،
غەمخانە يۈرەككە بەرگىنىڭ نېمە؟
ئىدىشتا ساقلىنىپ ئېچىغىنىڭ راس،
قوللاردىن قەدەھكە قۇيۇلدىڭ ئاز_ئاز.
تۆت قەدەھ ساھىبى بولسا ئېغىزى،
سەيناغا چۈشىدۇ ئوينىشىپ غاز_غاز.
گاھ كۈلكە،گاھ يىغا قىلدىڭ ھەدىيە،
ئۈلپىتى بولدۇڭ سەن قېرى ياشلارنىڭ.
ئادەتتە تىۋىشسىز يۈرگەن ياۋاشلار،
سەن بىلەن قېتىلار سەپكە شاشلارنىڭ.
بەزىلەر سېنىڭدىن ئىچسە بىر قەدەھ ،
چۈشمەيدۇ پەقەتلام ئاغزىدىن تارىخ.
مەشرىقنى،مەغرىپنى ئايرالماي لېكىن،
ئېغىزدا شەھەرنى ئالار ۋادەرخ.
ھەي شاراپ ،ئېيتقىنە سىرىڭنى زادى،
كەيىپمۇ ۋەياكى غەملەر تۈگىنى.
سىرىڭنى بىلەلمەي قىينالدىن ئەپسۇس،
ئەيتاۋۇر سەن بىلەن غەملەر تۈگىدى.
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | ئىسلامجان ماخمۇتجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-23 21:38:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|