ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە (شېئىر) - يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن

 ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە

يۈسۈپجان ئىسمايىل قاراتېكىن

ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە،
بولساڭمۇ گەر ئەۋلىيا سۈپەت،
ئامالسىز مەن بېرىشكە كۆڭۈل،
بەخت تىلەپ قالىمەن پەقەت.

ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھودە،  
بولالماسمەن خېلىڭ ئېھتىمال.
مەندىن ئېسىل ھۆرلەر ئالدىڭدا،
كۈتەل بەلكىم يۈرەكلىرى بال.

ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە،
غايەڭ ئۈچۈن ئات سال توختىماي.
مۇناسىپ سەن ئەڭ زور بەختكە،
ساڭا تەشنا قۇياش بىلەن ئاي.

ئۈمىد كۈتمە مەندىن بىھۇدە،
بەكمۇ ئاددىي سەھرا گۈلىمەن،
يەتكىنىڭدە مەنزىلىڭ تامام،
غەلبەڭ ئۈچۈن تاتلىق كۈلىمەن.
     





230 قېتىم كۆرۈلدى karatekin ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-7 1:31:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ