كەت دىمە
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
ئەي نىگارىم سەن بىلەن كۈن ھەر كۈنۈم.
بۇ يۈرەگىم بىرلا سېنى سۆيىدۇ.
يانلىرىڭدىن مېنى زىنھار كەت دىمە،
ئوتلىرىڭ بار گۈلخان باغرىم كۆيىدۇ.
ئىيىت سۆيگۈنۈم كەتسەم ئەگەر يىراققا،
كۈل بولمامدىم ئوتلىرىڭدا سىغىنىپ.
سۆيەلمەيمەن ھىچچاغ باشقا بىرسىنى،
ئۆتمەيمەن دە يات بىراۋغا بىقىنىپ.
ئاسىيلىقىم بارمۇ سىنىڭ ئالدىڭدا،
نە سەۋەبتىن مىنى كەتكىن دەپ قالدىڭ.
تەگدى ئۇشبۇ سۆزۆڭ گويا خەنجەردەك،
يا ھەسرىتا قەلبىمگە دەز داغ سالدىڭ.
چىن يارىدىن ئايرىلماق بۇ ھاياتتا،
تەندە جان بار بىراق ئۆلمەك ئەمەسمۇ.
بولماس ئۇندا تىرىكلىكتىن نام نىشان،
ھىجرانغا ئۇ چۈنكى ئەرمەك ئەمەسمۇ.
كىتەلمەيمەن كەچمەيمەن ھەم سىنىڭدىن،
مەيلى كەچسەڭ،پەرۋانىمەن يىنىڭدا.
سىنى كۆرمەي ئۆتۈش دوزاخ كۈنىدۇر،
مەلھەم بولسام بولسا ئەلەم بىشىڭدا.
ياشالمايمەن سەنسىز تىنەپ تەمتىرەپ،
باغرىمنى قان قىلما مۇندا كەت دىمە.
سن ھاياتىم سەن بارلىغىم ببر ئۆمۈر،
سەندىن بۆلەك ماڭا قاياش يار نىمە.
كىتىش ئۈنچە ئاسان ئەمەس سۆيگۈدە،
كىچىش ھەتتا ئالەمچە دەرت ئازاپلىق.
كىچىپ مەندىن قانداق بەرداش بىرىسەن،
ئۆزۆڭگىمۇ ئايان،كەلمەس ئاراملىق.
نىمە تۈگۈن بار دىلىڭدا ئىيىتقىنا،
ئۆتۆپ كىتەر ئۆچەر ھەممە قايغۇ غەم.
دەردىڭنى تۆك مەن دەرمانمەن،كەت دىمە،
بارچە كۈنگە بولماس ھەسرەت پىغان جەم.
شەرئى
2016-9-10-كۈنى
46 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-25 21:53:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|