يېڭى ياردىن كەچسۇن نىگارىم
ئەخمەتجان ئەخەت
ھەۋەسكار شائىرە گۈل نىگار مەترۇزىغائاتاپ
قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك،
يېڭى يار تۇتقان كىشى سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەك.
يېڭى يار تۇتقان سەۋەپ تىلفۇننى تاشلاپتۇ نىگار،
بۇ ئۇماق شائىر خېنىم ھالىمۇ چاغلىق بولغۇدەك.
يېڭى يار تۇتقان ئىمىش تاشلاپتۇ تىلفۇن دوستنى ھەم،
ئۇ بۈگۈندىن باشلىبان ئاپتىمىش باشقا قەدەم.
بىلمىدىم ئۇ باخشىمۇ قىلدىمۇ قىزغا سېھىر،
يېڭى يار تۇتتۇمغۇ دەپ ئالماپتۇ ئۇ قولغا قەلەم.
ئۇ يېڭى ياردىن بۈگۈن كەچتۈر نىگارىمنى زامان،
تۇتقۇزۇپ قولغا قەلەم قىلغىن ماڭا ھەم يانمۇ يان.
ئۇ ئاڭا ئەل بەختىگە يازسۇن قەسىدە قۇت تىلەپ،
گەر قېنىمدا يازسىمۇ تەييار نىگارغا كەتسە جان.
ئول نىگارىم قايتىدىن يېڭى ئەسەر قىلسۇن ئىجات،
پەن كۆكىدەھەم يەنە سۇمرۇغ بۇلۇپ قاقسۇن قانات.
گۈل نىگارىم ئەل ئۈچۈن باغلىسۇن بەلگە كەمەر،
ئەل ئۈچۈن كۆيسۇن ۋە ئاقسۇن ئەل بىلەن تاپسۇن نىجات.
ئەي زامان ئازدۇرمۇسۇن بىخۇد نىگارنى ئەسكىلەر،
ئول نىگارىم ساددىدۇر قەستىنى ياتنىڭ كىم بىلەر.
ئازمىسۇن ئەسلا نىگار تۇتسۇن قەلەم ئەل بەختىگە،
دەرت ئەلەمدە قالدى كىم ئەلنى دەپ ئاققۇزسا تەر.
2016-2-7
150 قېتىم كۆرۈلدى | ئەخمەتجان ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-8 1:42:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-25 15:34:16 | گۈلنىگار |
رەھمەت سىزگە |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|