ئۆزلۈك ۋە كىملىك - ​ فەرۇق ئۇدۇنى ‏

ئۆزلۈك ۋە كىملىك

 فەرۇق ئۇدۇنى

‏ئۆزگىلەر ئۆزۈمنى بىلمەك بولىدۇ،
‏كىملىكىم ھەققىدە ياغدۇرۇپ سوئال.
‏«مەن كىمۇ؟»خەق بۇنى قانداق بىلىدۇ؟
‏ئۆزلۈكۈم ئۆزۈمگە بولمىسا ئايان!

‏چېكى يوق خىيالغا بولىمەن تۇتقۇن،
‏ئۆزلۈكۈم ھەققىدە ئويلانغىنىمدا...
‏قۇم باسقان ئىزلاردىن چاقنايدۇ ئۇچقۇن،
‏تارىخنىڭ بېتىگە ئات سالغىنىمدا...

‏بەلكى مەن قۇملۇقتا كۆكلىگەن توغراق،
‏جۇدۇندا باش ئەگمەي باتۇر ياشنىغان.
‏ۋەياكى شورلۇقنى قاپلىغان توزغاق،
‏بىر پۈۋلەش ۋەجىدىن غولنى تاشلىغان...

‏‏بەلكى مەن تارىمنىڭ بىرتال تامچىسى،
‏ھاياتلىق گۈزەللىك بېغىغا ئاققان.
‏ۋەياكى شۇ كۆچمەن قۇمنىڭ دانچىسى،
‏پەرۋاسىز تىلسىمات شەھەرنى ياپقان.

‏بەلكى مەن قاشتېشى يۇرۇڭقاشتىكى،
‏گۈزەللىك بابىدا تارىخ ياراتقان،
‏ۋەياكى تۈگمەننىڭ يۇمىلاق تېشى،
‏بىر ئىزدا مېڭىشتىن زېرىكمەيۋاتقان...

‏بەلكى مەن بوغدا، تۇرىمەن مەغرۇر،
‏شادلىق ۋە قايغۇنى سىغدۇرۇپ تېنىچ.
‏ۋەياكى ھالسىراپ قۇرىغان لوپنۇر،
‏بۈگۈندە ئەسلەردىن يوقىغان جىمجىت...

‏بەلكى مەن مەھمۇد،بەلكى مەن يۈسۈپ،
‏بەلكىدە لۇتۇن ،بەلكىدە ئۇيغۇر...
‏ۋەياكى ئۆزۈمنى كەتكەندە ئۇنتۇپ،
‏تارىخىم بېتىدىن ئۆچۈرۈلگەن قۇر!...

‏2016.9.7

   





54 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-10 0:25:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ