گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا

         گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، ئىزدەر كۆزۈم توختىماستىن ،
ياشلىق چېغىم قىرانلىقتا ، مەن ئۆزۈمنى چاغلىماستىن ،
كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم مېنىڭ ، بىر كۈلۈپمۇ باقمىدىڭغۇ ،
بەك قىينالدىم ئوتلىرىڭدا ، كەتتىڭ ھالىم سورىماستىن .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، مۇڭلۇق بولدى تىلەكلىرىم ،
پىژغىرىملىق تومۇزلاردا ، چېچەك ئاچتى پىلەكلىرىم ،
كۈتتۈم ئۇزاق كەلمىدىڭغۇ، سەۋەبىنى ھېچ بىلمىاىم ،
بولساڭ ئەگەر يانلىرىمدا ، يېرلمامتى يۈرەكلىرىم .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، ئايغا قاراپ خىيال قىلدىم ،
قېينالدىمغۇ ھېجرانلاردا ، سىماسىڭنى  ئىزلەر ئىدىم ،
تاشيۈرەكلىك قىلىپ ھەر چاغ ، خارلىدىڭغۇ سۆيگۈلەرنى ،
ناخشا ئېيتتىم دوقمۇشلاردا ، ئاڭلىدىڭمۇ ھېچ بىلمىدىم .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، تالدى نۇرلۇق كۆزلىرىممۇ ،
شېرىن تاتلىق خىياللاردا ، مۇڭغا تولدى كۈيلىرىممۇ ،
يامغۇر ياغسا تىمتاس قىلىپ ، تۇيۇلدىغۇ مۆلدۈرلەردەك ،
كېچىپ مەندىن چانغىنىڭدا ، ئۆلدى قەلبىم بىلمىدىڭمۇ .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، بىر كىلەيمۇ دېمىدىڭغۇ ،
ئاچچىق يۈتۈپ قېينالغاندا ، دەرتلىرىمنى بىلمىدىڭغۇ ،
قىسمەت شۇنداق ئوخشايدىغۇ ، خىرەلىشىپ تالدى كۆزۈم ،
قىلدىم ھەسرەت ئارمانلاردا ، ھېچ كەلمىدىڭ سۆيمىدىڭغۇ .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، سىرلىرىمنى ئېيتىۋەتتىم ،
تېنىقلىرىم توختىغاندا ، ھېسلىرىمنى بوغىۋەتتىم ،
كەچكۈزمىكىن توڭلىدىمغۇ ، پەرۋاسىزلا ئۇزاپ كەتتى ،
ئاۋازلىرىم بوغۇلغاندا ، دەرتلىرىمنى يۈتىۋەتتىم .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، قالمايدىغۇ تەندا مادار ،
كەلسەڭ ئىدى باھار چاغدا ، بۇ دىلىمغا سالماي ئازار ،
كۈتتۈم ئۇزاق ئازاپلىنىپ ، گۇناھ بولماس سۆيساڭ مېنى ،
سەيلە قىلساق گۈزەل باغدا ، بولاتتىغۇ كۈندە بازار .

گۈلۈم سېنى سېغىنغاندا ، تاڭ ئاتمىدى بۇ كېچەلەر ،
تەنھا يۈردۈم تاغلىرىڭدا ، ئاچچىق بولدى شوخ يۈرەكلەر ،
قان - ژېرىڭغا تولدى يۈرەك ، بىل تاشيۈرەك ئازابىمنى ،
بولساڭ ھەمراھ مۇڭلىرىمغا ، ئېزىلەمتى بۇ يۈرەكلەر .
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589



     





56 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-2 17:14:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ