ئىشىق چەشمەسىدىن تامچە (مەسنەۋىي) - مەمەتجان باش كارۋان

 ئىشق چەشمەسىدىن تامچە
(مەسنەۋىي)
مەمەتجان باش كارۋان

ئەگەردە بىر كۈنلەر كىرىپ قالساڭ دىلىمغا،
يىغلىشىڭ بەرھەق، چۈنكى تالىق سەن جانىمغا.

ئەگەردە بىر كۈنلەر كىرىپ قالسام كۆڭلۈڭگە،
ئاقۇر دەريادەك ياش، چۈنكى مەن يوق بەختىڭدە.

قايسى بىر ئاۋات شەھەردە يۈرگەن سۆيۈلگەن؟
كىم كىملەرگە ئىنتىزار قانمىغان كۆنۈلگەن؟

بىلمىدىم قاچان يانۇر شۇ ئەسلىمە ئارقىغا؟
قالغان يارىم يىراقتا، كېلەر قاچان يانىمغا؟

بەرگىنە جانىم دىلىمغا ھەرچاغ ئاراملىق،
يار ئىشقىڭدا كۆيگەن ناخشام بولسۇن جاراڭلىق.

ئۆتەي جانىم  سېنى ئەسلەپ ھەر بىر نەپەستە،
چىن سۆيگۈ ئۈچۈن سۇنۇلسۇن ھەر گۈلدەستە.
     





183 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-20 19:08:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ