كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي

كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي

 

 ئ‍اپتۇرى؛ ئابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

 كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،

 يۈرەكلىرىم قايتا شاتلانسۇن.

 مۇھەببەتلىك ياندۇرغان چىراق،

 ھاياتىمغا يەنە نۇر چاچسۇن.

 

كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،

كۆزلىرىمگە كۈلكە يۈگۈرسۇن.

 سەبى يۈرەك شاتلىنىپ سەكرەپ،

 خوشاللىقتا بەخىتكە چۆمسۇن.

 

 كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،

يۈرۈكۈمدە ئ‍ىشقىپ ئ‍وت ئ‍السۇن.

 يۈرۈكىمنى مۇزلاتمىغىن سەن،

مۇز تاغ كەبى قېتىپ كەتمىسۇن.

 

كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،

 باغرىمغا مەن سىنى چىڭ باساي.

 كۆڭلۈڭ قالغان بولسا ئ‍ەگەردە،

 گۈللەر سۇنۇپ كۆڭلىڭنى ئ‍الاي.

 

 كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،

تەنھالىقىم كەلمەسكە كەتسۇن.

بېرەلمىسەڭ ماڭا سەن كۆڭۈل،

 مەڭگۈ بەخىت ساڭا يار بولسۇن.





146 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-8 0:40:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ