يالغۇزلۇقۇم
مۇكەررەم ئەخمەت
يالغۇزغىنە تۇرايچۇ بىراق،
سۈرىۋالاي خىياللىرىمنى.
خىياللىرىم مەنزىلى ئۇزاق،
ھەمراھ قىلاي، يالغۇزلۇقۇمنى.
مۇڭلۇققىنە ئۆكسىشلىرىمدە ،
مەن كىزىمەن ئۆتمۈشلىرىمنى .
تاتلىققىنە كۈلۈشلىرىمدە ،
مەن يازىمەن ئەتىلىرىمنى .
خىيالىمنىڭ چەكسىز ئىقىنىدا ،
يالغۇزلۇقۇم ھەمرادۇر ماڭا.
ئىزلىرىمدىن ئىز بىسىپ كىلەر ،
خۇددى ھەمراھ بولغاندەك ماڭا.
زىرىكىمەن دىمىگىن ھەرگىز ،
تەنھالىقتىن يالغۇزلۇقۇڭدىن .
يىڭى يولنى باشلايسەن بەلكىم ،
چىققاندا سەن ئۇنىڭ قىتىدىن .
165 قېتىم كۆرۈلدى | مۇكەررەم ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-11 0:43:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-21 18:17:45 | 2198460258 |
ياخشى يىزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|