كۈلۈپ ياشايمەن - ئابلىكىم ئابلىمىت

كۈلۈپ ياشايمەن 

 ئابلىكىم  ئابلىمىت


 تەغدىر مۇ قىلدىغۇ چاقچاقنى ئېغىر،
ھېكمەتىنى ھاياتنىڭ سېلىپ دىلىمغا.
ئۆچ بولدۇم خامۇشتەك يۈرۈشتىن كۈندە،
كەلدىغۇ ئېغىر كۈن ئەجەپ بىشىمغا.

ۋەلىكىن تاۋلىدى ئېغىر كۈن مىنى،
ھەرنىمە بولسىمۇ كۈلۈپ ياشا دەپ.
قىلدى ھەم پىراقمۇ بوي سۇنماس مىنى،
ھەرقاچان ئۆزۈڭ ھەم مەغرۇر ياشادەپ.

كەلسىمۇ ھەركۈلپەت مېنىڭ بىشىمغا،
تىك تۇتۇپ قەددىمنى كۈلۈپ ياشەيمەن.
يەتسىمۇ ئازارلار نازۇك دىلىمغا،
ئۆزۈممۇ مەغرۇر ھەم كۈلۈپ ياشايمەن.

     





80 قېتىم كۆرۈلدى ABLIKIM ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-10 1:51:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ