سېغىنىشنى قالدىم سېغىنىپ

سېغىنىشنى قالدىم سېغىنىپ

 

ئابلەتچان تۇردى

 

سېغىنىشنى قالدىم سېغىنىپ ،

 سېغىنغۇدەك يارىم بولمىغاچ .

 كۈلدۈرۈپ ھەم كۈلەلىگۈدەك ،

 يۈرۈكىمگە سۆيگۈ تولمىغاچ .

 

 سېغىنىشنى قالدىم سېغىنىپ ،

 سېغىنماي دەپ تۇرساممۇ شۇنچە .

 خىيالىمدا ياسايمەن بىر باغ ،

 ئېچىلمايلا توزۇيدۇ غۇنچە .

 

 سېغىنىشنى قالدىم سېغىنىپ ،

 ئوي -خىيالىم دېڭىزغا پەۋەس .

 بېلىق بولۇپ ئۈزىمەن ئۇندا ،

 يالغۇز ،لېكىن ئارتۇقچە ئەمەس .

 

 2016. 01. 22 K





127 قېتىم كۆرۈلدى ئابلەتچان تۇردى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-22 23:27:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-5 19:01:47 rizwangul
nahayiti yahxi yezipsiz tehimu tirixing
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ