تاپمىدىم (شېئىر)
ماھىنۇر ئابدۇرھېم
كەزدىم تاغۇ دەريالار ،ئېشىپ ئىگىز داۋانلار ،
باردىم دەشتى چۆللەرگە ،غەمگۈزارنى تاپمىدىم .
قىلىپ نالە ھەر يانغا، تەلمۇرىمەن ئىزدەيمەن ،
لىكىن قايدا كەتتىڭ سەن،سىمايىڭنى تاپمىدىم .
ئاتا دەيمەن توۋلايمەن، ئۈنۈم يەتمەس يىراققا،
كۆككە يەتتى پەريادىم ،دىلخانەمنى تاپمىدىم .
مېنىڭ ئېتىم، يايلىقىم ،بايلىقىم ھەم خوشلۇقۇم،
ئېدىڭ دادام قايدىسەن؟ سېنى ئىزدەپ تاپمىدىم .
ھەسرەتلىرىڭ ئۆرتىدى يۈرىگىمنى زەپ دادا ،
مىھرى چەكسىز، ئەپۇچان ئاقكۆڭۈلنى تاپمىدىم.
ئۆيلەر سالدىم ئازادە، مىھمانلىرىم كۈلسۇن دەپ،
ئەمما دادا ساڭا چاي ،سۇناي دىسەم تاپمىدىم .
توي قىلىشتىن مەن ئاۋال ھىچ نەرسىنى بىلمەيتىم،
تىكىپ كۆرپە تىزغاندا ،سالاي دىسەم تاپمىدىم
ھەر دۇئادا جان دادا ، بەختىمىزنى تېلەيتىڭ ،
بەخىت ھوزۇرى سۈرگەندە سېنى ئەجەپ تاپمىدىم .
ئەمدى مەڭگۈ مەن سېنى ، تاپالماسمەن جان دادام ،
مېنى سەندەك سۆيگەننى ،ئىچ كۆيەرنى تاپمىدىم .
| 428 قېتىم كۆرۈلدى | ماھىنۇر ئابدۇرھېم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-22 0:31:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|