كونا بەتلىك خاتىرە (شېئىر) - ئابلىمىتجان ۋاھاپ

 كونا بەتلىك خاتىرە

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)

نە سەۋەپ، نە ئىھتىمال ،نە بىر قىتىم سۇئال،
قەدەملىرىم توختىماي بىسىلار،خىياللىرىمدا بىمالال.
خىياللىرىملا ھەمراھتۇر ماڭا،كۆرۇنۇنمەس جامال،
تىنجىقلىققا شەرىتسىز،قۇشتەك بولارمەن قامال.

مىھرىڭ كەتتى بولۇپ شامال، قايتىدىن ئىز سالالمىدىم،
يۇرۇگۇمدىن يۇرىگىڭگە قىزىق بىر ئوت ياقالمىدىم.
يۇرۇگۇم  ئىشقى مۇھەببەتكە سوقۇشتىن توختىدى،
ئەمما سۇرەت جازاڭنى قولۇمغا ئىلىپ  چاقالمىدىم.

بىپايان قۇملۇقتىن ئەس ھوشۇمنى ئىزلەپ،تاپلمىدىم،
قۇياش كەبى مىھرىم بىلەن بەدىنىمنى ياپالمىدىم.
تىتىرەپلا يۇردۇم،قەھرىتاندا تۇگۇلۇپ ،دۇگدىيىپ،
ئازاپ قەپىزىدىن چىقىپ، قەھرىتاننى يىراققا ئاتالمىدىم.

ئېسىمدىن كەتمەس ئوينىغان گۇزەل چاغلىرىمىز،
قاقاس چۆلگە ئايلاندى،مىۋىزار گۇللۇك باغلىرىمىز،
ئەسلىمەسلىكنى ئىزدەيتتىم،ئازاپنى يىراققا  تاشلاپ،
ئەسلىمەمنى غۇۋا يۇرۇتتى كونا بەتلىك خاتىرىڭىز.
تەنھا تۇرنا
2017-3-21كەچ

     





59 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 7:45:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ