ۋاقىت (نەسىر )
مەمەتجان
ئەي ۋاقىت سەن نېمانچە ئۇلۇغ نېمانچە ئادىل .سەندە شۇنداق خىسلەت باركى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيسەن ،ھەرۋاقىت ئالدىڭغا قاراپ ئاتلىنسەن سەندە نىشان غايە ئېنىقكى ھەرۋاقىت ئۆزىڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمايسەن .
مەيلى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدا بىخ سۈرۈپ كۆكلەم تۇپىراقنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى جىمى مېھىر-مۇھەببەتنى خۇددى ئانا كۆكسىدىكى ئوغۇز سۈتنى سۈمۈرگەندەك سۈمۈرۈپ ،سۈپسۈزۈك زۇمرەت سۇلارنىڭ ئۆپىشىدىن بەرىگلىرى ياشناپ ،تاڭ شەبنەملىرى ئوتقاشتەك لەۋلىرىگە سۆيگەن گۈللەر بولسۇن ،مەيلى تۆنۈگۈنلار كۆز ئېچىپ دۇنيانىڭ سېھرىگە ،مېھىر-مۇھەبىتىگە ،گۈزەللىكىگە جۈملىدىن ئۆزىنىڭ باللىقىغا قېنىپ بولالمىغان سەبىيلەر بولسۇن ئىشقىلىپ سەن مەنزىلىڭگە بارماق ھامان توزىتىۋېتىسەن ۋەياكى رەھىمسىزلەرچە تەقدىر پاتقىقىغا پاتۇرسەن .سېنىڭ ئادىللىقىڭغا كىممۇ قول قويالماي تۇرالىسۇن .كونىلاردىكى «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ »دېگەندەك ماقال تەمسىللەر سېنىڭ سەمەرىلىك خۇلاسەڭ .
ۋاقىت- سەن ناھايىتىمۇ ئۇلۇغسەن ئۇلار ھامان قايىل بولماي تۇرالمايدۇ .سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرسەن ،ئۈمۈتلەندۈرسەن ،ۋاز كەچكۈزسەن ….ئويلاپ قالىمەن خۇددى بۇدۇنيا سەن ئۈچۈن يارالغاندەك .ئاشۇ ئوتقاشتەك قۇياش ،تۇلۇنئاي چېغىدا ساڭاسەجدە قىلىدۇ .كائىنات ساڭا بويسۇندۇ .
ۋاقىت-سەن ئاتقان ئوق .سەن بىباھا ئالتۇندىنمۇ قىممەت .سەن ناھايىتىمۇ دانا سېنىڭ نەزىرىڭدە كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك .يىغلىغاننى ھامان كۈلدۈرسەن ،كۈلگەننى بولسا يىغىنى تېتىتقۇزىسەن .سەن ناھايىتىمۇ سېخى ئارغامچاڭنى ئۇزۇن قويىۋېتىسەن بىراق «ئالماقنىڭمۇ بەرمىكى باردەك »بىر يىغدىڭمۇ بوش قويمايسەن .
ئادىللىق مەسئۇلىيەت سېنىڭ ھايات دەستۇرۇڭدۇر .ئاشۇ دەستۇر سېنى گۈزەللىك ئالىمىنىڭ تەختىگە مەڭگۈلۈك سۇلتان قىلىپ ساختىلىق ۋە رەزىللىكلەر ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇزىدۇ .
ۋاقىت -سېنى قەدىرلىگەنلەر ۋە ئاسىرغانلار ھاياتىنى ئەڭ ئەزىز بىلگەنلەردۇر .«بۈگۈن»نى قەدىرلىگەنلەردۇر .سېنى قەدىرلىمىگەنلەر ،سېنى ئويۇنچۇق ،چاقچاق ئورنىدا كۆرگەنلەر مەڭگۈلۈك تەقدىر پاتقىقىغا ،ھەسرەت-نادامەت ،پۇشايمان پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلاردۇر .
ئادىللىق،مەسئۇلىيەت بىلەن نۇرلانغان ۋاقىتنى خارلىغانلار كۆز بوياپ ئۆتكۈزۋەتكەنلەر ھاياتنى نامسىز ،ئىزسىز قالدۇرغانلار ھامان تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىپ ،بۈگۈننىڭ مەغلۇبىيەتچىلىرى ھېسابلىنىدۇ .
287 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjon | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-2 0:15:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|