خەير خوش مەكتەپ
ئاپتورى : ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
كۆزۈم كۈلىدۇ قەلبىم يىغلايدۇ،
ئايرىلىش دەملىرى سۆيسە لىۋىمنى .
مۇڭلانسام دەردىمنى تىڭشىغان مەكتەپ ،
ئىيتايمەن كىملەرگە قەلب سىرىمنى .
خوش دىيىش ئېيتقىنە ئاسانمۇ ماڭا ،
كىتىدۇ خۇشاللىق يىنىڭدىن كەتسەم .
سەن ماڭا ئۆگەتكەن قانداق ياشاشنى ،
سىيلىغان ھەم بىشىمنى ئەگسەم .
سەن بىلەن تونۇغان ئاق ۋە قارىنى ،
سەن ماڭا بارچىگە بولغان پاسىبان .
تۈگىمەس ھېكمىتىڭ ئەجىر مېھنىتىڭ ،
پۈتسەكمۇ سۆيگۈدە تۈمەنمىڭ داستان .
سەن شۇنچە مېھىرلىك شۇنچە سېھىرلىك ،
مېھرىڭگە ھىچ كىشى قېنىپ باقمىغان .
سەن بەرگەن سېھردە چاقناپ تالاي دىل ،
ھىلال ئاي قوينىدا چىنىپ باقمىغان .
ھېكمىتىڭ قىممىتىڭ ئۇلۇغ قۇياشتىن ،
بىز باتۇر سەن جەڭدە يولباشچى سەرۋاز .
سەن بىلەن بىخلانغان ئۈمۈد ئۇرىقى ،
سەن بولغاچ كۆڭۈللەر ئەيلىگەن پەرۋاز .
ئۈچ باھار كەلمەيدۇ ئۆمرۈمگە قايتا ،
كەلمەيدۇ ھەم يەنە ئوماق ساۋاقداش .
كىچىلەر سىردىشىپ ناخشا توۋلىغان ،
خىيالغا ئەسىرداش ئاشۇ ياتاقداش .
خوش دىسەم كۆڭلۈڭنى قىلما پەرىشان ،
كۆيۈمچان ئۇستازىم سۆيۈملۈك مەكتەپ .
ئەجرىڭنى ئاقلايمەن ئېلىم نۇرىدا ،
كۈلىسەن زەپەردە قۇچقاندا شەرەپ .
خەير خوش ساۋاقداش قەدىردان مەكتەپ ،
تىلەيلى ئۆزئارا سۆيگۈدە تىلەك .
بىز ھامان تەقدىرداش ئۇنتۇش بىزگە يات ،
ساۋاقداش تەقدىرداش تەندىكى يۈرەك …
2016.يىلى 25.مارت يەكەن