ئاجراشما (شېئر)


ئاجراشما




ئابلىز ئوبۇل فونتان






تەكلىپ بىرەي ئاجراشما ئىنىم ،


يىتىم قىلىپ ئوغۇل قىزىڭنى .


دادىسى يوق بۇندا ئانىسى،


يۇقۇتامسەن ھايات ئىزىڭنى.






تەكلىپ بىرەي ئاجراشما ئىنىم،


بىر چىرايلىق ئۆينى بۇزامسەن.


جاپاتارتىپ يىققانلىرىڭنى،


تۇپراق قىلىپ كۆككە تۇزامسەن.






تەكلىپ بىرەي ئاجراشما ئىنىم،


قايتۇرۇپ كەل خوتۇن بالاڭنى.


ئوتتۇزلاردىن ئېشىپمۇ قالدىڭ،


قىپ بىرىدۇ ئىشنى چالاڭنى.






تەكلىپ بىرەي ئاجراشما ئىنىم،


دۈشمەنلەرگە كۆرسىتىپ ئۇيان.


خوش بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ئۇلار،


سەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ يانمۇيان.






تەكلىپ بىرەي ئاجراشما ئىنىم،


ھايات تۇرۇپ ئۆيسىز قالامسەن.


يۈرەك پارەڭ تۇرسا سەرسانە،


دەتتە قۇيۇپ خوتۇن ئالامسەن.




ئاپتۇر:سانجى داشىچۈبازىرىدا



مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589





     





37 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىزئوبۇل فونتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-14 7:08:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ