ھىجرانى بار مۇھەببەت بولسا
قەيەرلەردە قالدى قاغجىراپ ،
ياش توختىماس مۇڭلۇق كۆزلىرىڭ .
ئەمدى تاش بوپ كەتكەن ئوخشايسەن ،
بىلدۈردىغۇ سۆزۈڭ ، يۈزلۈرۈڭ .
مەشۇقىڭغا ھەمراھ تىنىقىڭ ،
توختىدىمۇ ئېغىر ئۇھسۇنۇپ .
قەدەملەردە سۇلتانتىڭ ئۆزۈڭ ،
ئەمدى شۈكلەپ قاپسەن بويسۇنۇپ .
يىراقلارغا باقمايمەن دەيسەن ،
ئەمما نازۇك تېۋىشلار تۇرسا .
يىغلىمايمەن دېيەلەرسەنمۇ ،
ھىجران كېلىپ قامچىلاپ ئۇرسا .
مۇھەببەتنى قولدا دەپ چاغلاپ ،
يۈرەكلەرنى باقمىدىڭ تىڭشاپ .
سۆيگەنلەرغۇ قان يىغلاپ قالدى ،
سۆيمىگەنلەر كەتتىغۇ ئوڭشاپ.
تامام ئەتتىڭ خىيالىڭدا سەن ،
سېغىنىشنىڭ سىناقلىرىنى .
ھىجرانى بار مۇھەببەت بولسا،
بىلمەي قالدىڭ قىيناشلىرىنى .
شېرزات ئادىلجان ھۈكەر
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | hukar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-26 0:59:03 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|