سەپەرچى

سەپەرچى

 

يەلپۈنىدۇ ياۋا ئوت-چۆپ شاماللاردا،

 قورام تاشلار ئەقىدەمگە بولدى گۇۋاھ.

بۆك-باراقسان يۇلغۇنلۇقنى قارار ئەيلەپ.

 ئۇندا تۈنەپ نەي چالىمەن كېچە ئۇدا. 

 

 يالغۇز دىمە توختىماستىن چۈشەر شەبنەم،

 ھەمرا ماڭا سايەم سۈزۈك ئاي نۇرىدا. 

 كى ئۈچىمىز سۆھبەت قۇرۇپ ئارام ئالغاچ،

 بولماقچىمىز ھەسرەتلەردىن بىر يول ئادا.

 

كۆتۈرۈلسە سۆبھى دەمدە قۇياش تاغدىن،

 يېقىنلايدۇ ھەر قەدەمدىن مەنزىل ماڭا.

نە تامادۇر ئۆزگە يەنە شان-شەرەپتىن،

 بۇ دۇنيانىڭ خوشاللىقى شۇ بولسىلا.

 

 -مۇرادىل راخمام (ئىزچى)





142 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-25 0:10:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ