سەرسان روھ - ساۋۇت سەدەن(ئانارى)

سەرسان روھ 

 ساۋۇت سەدەن(ئانارى)


ئىزلەيمەن ھىدىڭنى شامالدىن دائىم ،

بىر ئۇچۇم تۇپرىقىڭ توتىيا ماڭا ، 

سۇلاشقان گۇل كەبى نىمجان ھالىم، 

ئۇزۇلمەسكە رىشتىم باغلانغان ساڭا ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪

 غوللارغا كېچىك قىپ دەسسىگەن تاشلار،

گۆھەردەك بىلىندى مېنىڭغا بۇگۇن،

 ياش ئىدىم،مەن تېغى ئاقاردى باشلار، 

قالارمۇ ئارمانلار يىشىلمەي تۇگۇن، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

جەننەتتەك باغرىڭنى سېغىندىم شۇنچە، 

تۇنجى رەت نەپسىم باشلانغان سەندىن ،  

 سېنى دەپ نەزمىلەر تىزدىمغۇ قانچە،  

رازىمەن باغرىڭدا كىچىشكە جاندىن، 

 ⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

جۇدالىق دەردى ئۆرتىدى مېنى ، 

 پۇشايمان دارىغا ئېسىلغان روھىم ، 

ئاھ يۇرتۇم قوينىڭغا ئالساڭچۇ مېنى،  

خىيالىم ئارمىنىم سېنىڭدا دائىم، 

 ⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

 2016.11.05
     





192 قېتىم كۆرۈلدى ساۋۇت سەدەن(ئانارى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-5 18:35:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-8 9:57:38 ئ‍اينۇرى
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،يازغانلارنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن 👍👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ