دەرلەر - غەزەل

   دەرلەر - غەزەل

 

پەلەككە يالۋۇرۇپ شۇنداق ئ‍ۆتۈپ كەتتى كۈنۈم دەرلەر ،

 يۈرەكلەرنىڭ كۈيى مىسكىن ئ‍ۇدارسىزدۇر كۈيۈم دەرلەر .

 

سۆز تاشلىنىپ خۇشاللىققا ، بىساتى مال - تاۋارلارغا ،

 ياپالمايمەن يىپەكىدىن بىرەر ياغلىق يۈزۈم دەرلەر .

 

 ئ‍اپتاپلىرى خوش شىپالىق ئ‍ەل چېھرىدە كۈلۈپ تۇرسا ،

 باغلىرىمدا ئ‍ەمەس ئ‍اپتاپ ، چۈشمەس بىر باغ ئ‍ۈزۈم دەرلەر .

 

 خىيالى كەڭ سامالاردا ئ‍ۇچۇپ ئ‍ۆتتى تالاي ئ‍ارزۇ ،

بىرەر غايە تۇتقىدەك چىڭ ، ئ‍اڭا يوقتۇر سۆزۈم دەرلەر .

 

 كۆمۈلسىمۇ قۇمغا جىسمى، ئ‍ۇرۇلسىمۇ شاماللارغا ،

 ئ‍ۆلمەي ياشاپ ئ‍ۆتەلەيمەن ، تېخى ئ‍وچۇق كۆزۈم دەرلەر .

 

 پەلەكمۇ قايتۇرۇپ بەردى ، سىلەر قانداق ياشاۋاتقان ،

 بېشى ئ‍ەگمەس ، بىلى تۈپتۈز قېنې ئ‍ەرلەر ، قېنى ئ‍ەرلەر !!!

 

hukar يازمىسى





147 قېتىم كۆرۈلدى hukar ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-21 0:22:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-22 0:43:28 خانقىز
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ