چىقتى شۇنداق

چىقتى شۇنداق

 

 ئابدۇرەشىد ئابددۇكېرىم

 

 چىقتى شۇنداق خوشناۋادا خوش پىچىملىك بىر گۈل،

 لالە رەيھان، خۇشبۇراقلىق گۈلشەنىدە بىر گۈل.

 دىلغا راھەت، تەنگە داۋا،قوش ئۈنۈملىك سۆزلىرى،

 چېمەنلەر سەردارى ئۇ شۇنداق تاجىدار بىر گۈل.

 ئەدەپ ئەخلاق گۈلشەنىنىڭ زىننىتى ئۇ بىر گۈل،

 ساپ ھاۋادا يېتىلگەن ئىلى دەريا گۇلىكەن.

 جەپ ياراشقان ھۆسنىگە،ئۆزى بەرنا،ئۆزى گۈل،

 ھۆسنى خۇلقى ئارنۇمۇسلۇق يىگانىدۇر شۇ گۈل.

خۇلقى قامەت،لاتاپەت،مۈجەسسەمكەن ئۆزىدە،

 ئىففەت-نۇمۇس،ھۆسنىگە خوپ ياراشقان شۇندىلا.

 ھۆرلەر كەبى نازاكەت جەم ئىكەنۇ قەلبىدە،

 پەزىلەتتە يېتىلگەن تاڭ نۇرىدەك ھۆسنىدە.

 

 -ئەل شىپائى 2016-4-ئاپرىل





357 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-4 0:01:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-12 20:45:46 ئ‍اتەشى
ئ‍ىملا خاتالىقى ئ‍ىغىر
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ