كەل - سەيپىدىن ئ‍امۇت

كەل

 

 سەيپىدىن ئ‍امۇت

 

 تاڭ شاماللىرىغا يۆگەلگەن تىنىمدا مەن ،

 زاۋال جىمجىتلىقىدا ياتقان قىمىرسىزمەن،

 ئ‍ىچىڭدىكى ئ‍ىستىداتلار ئ‍اراسىدا دەر،

ئ‍ىچ-ئ‍ىچىمنى بېغىشلاپ يار ئ‍ۆلۈۋاتقانمەن.

 ئاستىمدا زىمىن ئ‍ۈستۈمدە ئ‍اسمان ياتقاندۇر،

 تەۋەلىكىمگە پىنھان قېلىچى پاتقاندۇر.

 ئ‍ىزتىراپلار سەنسزلىكتە قانات قاققاندۇر،

 ئ‍ۆزۈمدىن يار ئ‍ۆزۈڭگە يۇلۇنۋاتقاندۇرمەن.

 سوغۇق خىيالنىڭ ئ‍ىچرە مەن غال-غال يالىڭاچ،

 جۇغۇلدىدى سۆڭەكلىرىم قالمىدى ئ‍اراچ.

 ئ‍ۆلۈۋالاي ئ‍ىنتىزارىم قۇچۇقۇڭنى ئ‍اچ،

 ئ‍ىستەككە يەتمەي كۆمۈلۈش ماڭا ھارامدۇر.

خىرامانلىقتىن كېچىلدى تەبەسسۇم بىھال،

كۈتۈشلەرىمدىن يۇلقۇنار قىپقىزىل جامال.

 كۈلبەمگە يېتىپ كەل كۆكسۈمدىكى ئ‍ېھ!ئ‍ايال.

 ۋىسالىڭىز قارا ھىجراندا ياماندۇرمەن.

 

 2016.28 فېۋرال





79 قېتىم كۆرۈلدى سەيپىدىن ئ‍امۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-29 9:54:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ