نىشان
ئىكرام توختى * ئىنتىل *
ئارزۇلار تىكلىدىم يالغۇز دالدىدا ،
قۇش بولۇپ يېڭىلا كۆككە ئۇچقاندا .
بورانلار قارشىلىق قىلدى غايەمگە ،
قانىتىم قايرىلدى دۈشمەن ئالدىدا .
دىلىمدا بولغاچقا بۈيۈك ئارزۇلار.
قوروقماي كەلسىمۇ رەزىل بورانلار .
نىشانىم كۆزۈمدە پارلىغان قۇياش ،
تىرىشچان ئىنسانغا داغدامدۇر يوللار .
ماڭىمەن ئارزۇيۇم قاپتاللىرىدا ،
دوستلار سىز قالساممۇ غېرىپ ھەم تەنھا .
ماڭىمەن نىشاندىن ئازماي مەڭگۈگە ،
ھاياتىم چاقنايدۇ ۋىجدان نۇرىدا .
قاراڭغۇ بولسىمۇ ھايات ئەتىسى ،
تىكلەندى ئەتەمنىڭ گۈزەل كەلگۈسى .
جاپالار بولسىمۇ ھەر - بىر قەدەمدە ،
تىرىشسا نىشانغا بالدۇر يەتكۈسى .
نىشانىم ئەمەلگە ئاشقاندا ھامان ،
نىشاندىن تىكلەيمەن بۈيۈك بىر ئارمان .
ئارمىنىم روياققا چىققان بولىدۇ ،
ۋەتىنىم مەڭگۈگە بولسىلا ئامان .
| 38 قېتىم كۆرۈلدى | ئىكرام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-14 3:08:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|