ياخشىلار
دىلزات ئابدۇماناپ (ئەركە )
تەرىپلىسەم تۈگىمەيدۇ ئەجرىنى ،
توغرا يولنىڭ ئەلچىسىدۇر ياخشىلار .
شۇڭا كۈيلەپ ئېيتمىدىقمۇ ھەر دائىم ،
ياخشىلارغا ئاتاپ تالاي ناخشىلار .
جان راھىتى خۇددى سۈزۈك بۇلاقتەك ،
ياشارتىدۇ ئۇ كۆڭۈلنىڭ بېغىنى .
گۇمران قىلار ياخشى ئەمەللەر بىلەن ،
شۆھرەتپەرەس،نادانلىقنىڭ دېغىنى .
يامانلارنى ئەزىزلىمەس خەلىقمۇ ،
چۈنكى ئۇندا تاغدىن ئېگىز كىبىر بار .
ياخشىلارغا خۇشتار شۇڭا بۇ ئالەم ،
ياخشىلاردا ئۈزۈلمەس بىر مېھىر بار .
ياخشىلاردەك بولاي دەيمەن ھەمىشە ،
يامانلارنى ياخشىلارغا قۇل دەيمەن .
ئۇزۇن ئۆمۈر نىسىپ قىلسا خۇدايىم ،
بالامغىمۇ ياخشى ئادەم بول دەيمەن .
ئەيىپلەرنى كۆرسىتىشكە ،تۈزەشكە ،
تاپالمايسەن ياخشىلاردەك ئەينەكنى .
مىسالى شۇ ،چاي ئىچكەندە ئۇنۇتما ،
سېنىڭ ئۈچۈن ئوتتا كۆيگەن چەينەكنى؟
ياخشى بولساق ئەلمۇ بىزدىن سۆيۈنسۇن ،
ساقلىنايلى يامانلارنىڭ كۆزىدىن .
يادلىنىمىز مەڭگۈ خەلق قەلبىدە ،
ماڭساق ئەگەر ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن .
يەنە دىسەم يەنە سۆزۈم تۈگىمەس ،
پاك قەلبنىڭ ئەلچىسىدۇر ياخشىلار .
ئەل ئۇلارنى سۆيسۇن ھەمدە سۆيۈنسۇن ،
ياخشىلارغا ئۈزۈلمىسۇن ناخشىلار .
2015.11.27
| 112 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-17 0:55:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|