قايدۇ دەرياسى - يۇلتۇز (ئ‍اق مەرۋايىت)

قايدۇ دەرياسى

سۇزىلىپ ياتىدۇ بىر ئ‍ەزىم دەريا،
يۇرتۇمنىڭ باغرىنى ئ‍ىككىگە بۈلۈپ.
ئ‍ۆركەشلەپ ئ‍اقىدۇ سۈپ- سۈزۈك سۇلار،
ئ‍ادەمنىڭ كۆڭلىنى لەرزىگە سېلىپ.

ئ‍ۇزۇنغا سۇزۇلغان گۈزەل ساھىلى ،
بارغانلا ئ‍ادەمنىڭ كۆڭلىنى ئ‍اچار.
ئ‍ىچسەگەريۇرتۇمنىڭ شەربەت سۈيىدىن،
قەلبىدە شاتلىقى ھەسسىلەپ ئ‍اشار.

ئ‍ۆزەممۇ چوڭ بولغان سۈيىنى ئ‍ىچىپ،
ھەم ئ‍ۇنىڭ باغرىدا مىھىرگە قېنىپ.

 سۈيىنىڭ ئ‍ۆزىلا شىپايى بۇلاق،
جان بىرەر تۇمۇرغا مەڭگۈگە سىڭىپ.


ئ‍ۇ بولغاچ كۆكەردى يۇرتۇمنىڭ باغرى،
ئ‍ۇ بولغاچ پۈكۈلمەس دېھقاننىڭ قەددى.
ئ‍ۇ بولغاچ تارالدى يۇرتۇمنىڭ داڭقى،
ئ‍اھ ئ‍ەزىم قارشەھەر قايدۇ دەرياسى.

ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئ‍اق مەرۋايىت)
     





87 قېتىم كۆرۈلدى يۇلتۇز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 18:58:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ