كەچ كۈز كارتىنىسى
ئاپتۇرى:ئابدۇسەمى (خۇشتارى)
يېشىللىقتىن تون ياپقان ئەتراپ،
ئۆزگەرمەكتە ئالتۇن رەڭگىگە .
كۈز شامىلى ھەريانغا قاتراپ ،
قىراۋ چۈشتى گۈللەر بەرگىگە.
ياڭرىمىدى باغدا سازلارمۇ ،
شاد كۈلكىلەر ئاڭلانماس ئەسلا .
سايرىمىدى لېۋەن قۇشلارمۇ،
پەي قېتىغا مۈكۈنۈپ ئاستا .
دەرەخلەرمۇ تۈكۈپ يۇپۇرماق ،
ئوت كەتكەندەك چوقىردى گۇيا .
ئاستا-ئاستا مۇزلىدى تۇپراق ،
رەڭسز لىباس كىيمەكتە دۇنيا .
كۆل يۈزىدە كۈرۈنمەس ئاققۇ،
سۇ يۈزىمۇ شۇنچىلىك تىنىق .
مۇز ئىلنىشپ تۇرار سۇغۇق سۇ،
ئەركىن ئۇسسۇل ئوينىماس بېلىق .
تىنچ ئاقار دەريا سۇلىرى ،
ئۆركەشلىمەس ياسىشىپ قاينام .
جۈپ كۆزىنى ياندۇرۇپ خىرە ،
ئارام ئالدى تەبىئەت ئانام .
2219161191
پەيزاۋات-غولتوغراق
| 107 قېتىم كۆرۈلدى | خۇشتارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 18:42:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|