تەسەللىي ئۈچۈن ياغدىڭمۇ يامغۇر
(نەسىر)
ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى
تۇتۇلغان ھاۋا چۈشكۈنلىكىمگە قوشۇلغان بىر كەچقۇرۇن. ئەتراپنى دىمىقچىلىق قاپلىغان ئىدى. قايغۇنى قارا بۇلۇت قىلغان بىچارە قەلبىم،بۇ قاراڭغۇلۇقنى يوقاتماق ئۈچۈن كۈچەپ بىراق ھالسىز سوقىۋاتاتتى. سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئازراق بولسىمۇ كەڭرەك بىر جاينى تېپىپ ئاۋازىمنى بولىشىغا قويىۋېتىپ ھەسرەت تۆككۈم كەلدى. يولغا نىشانسىزلا چىقتىم ھەمدە يۈرۈپ كەتتىم. يالغۇز قارىغاي ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ، ناھايىتى ئىگىز قارغاي ئىكەن، بىراق ئۆزى يالغۇز، پەلەككە قارىدى، قارا بۇلۇتتىن سادا كەلمىدى. پەسكە ئۈمچەيدى، ھېچنېمىنى كۆرمىدى. تەقدىرداش ئىكەنمىز دەپ قارىغايغا ئاستا يۆلەندىم. قارىغايغا دەرتلىرىنى تۆكۈپ زارلاندىم. ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى. توساتتىن پەلەكتىن سادا كەلدى…
بىر تامچە مەرۋايىت ئېقىنچە چاك كەتكەن يۈزۈمدىن سىرغىپ چۈشتى. ياق! كۆز ياش ئەمەس. ئەركەكتىن قان ئاقىدۇ، ياش ئاقمايدۇ. شۇنداق، يامغۇر مىھمان بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۆزۈمنىڭ ئازاپ غىزالىرىنى ئۇنىڭغا بولىشىغا تۇتتۇم. توۋلايتتىم، ۋارقىرايتتىم، قارىغاينى بولىشىغا بارلىق كۈچۈم بىلەن مۇشتلايتتىم...
يامغۇر ماڭا بارلىق مىھرىنى بەرگەندەك قىلاتتى، چىلىق-چىلىق ھۆل بولغان بەدىنىم يامغۇرنىڭ سۆيۈپ ئۆتىشى بىلەن خېلىلا راھەتلىنىپ قالغان ئىدى. ئازاب يارىلىرى يامغۇر سەۋەبلىك خېلىلا ئەمىن تېپىپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا پىچاق سانچىلغاندەك ئاغرىۋاتاتتى، شۈكۈرنى ئۇنۇتتۇم. كۆككە قاراپ يەنە زار ئېيتتىم:
ئاھلىرىمنىڭ دەردى مىڭ بۇلۇپ،
يۈرەكىمنى قىينايسەن يامغۇر.
ياپراقلارنى سۆيگەندەك شۇنچە،
يۈرەكىمنى سۆيمەيسەن يامغۇر.
پەلەكتىن سادا كەلمىىدى.يامغۇر توختىدى. يۈرىكىم يىغىنى باشقىدىن باشلىدى. يالغۇز قالدىم، قايتماقچى بولدۇم، بىراق ئىرادەم سۇنغان. قايتماقچى بولدۇم،بىراق ئىشەنچىم يوقىغان. ئارقىمغا قارىدىم،چەبدەس تۇرغان قارىغاي كۆرۈندى، ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ يىراق يەرلەرگە نەزەر تاشلاۋاتاتتى. مەن قىزاردىم،مەن ئۆزۈمنىڭ يارىماسلىقىغا قىزاردىم...
قەددىمنى رۇسلىدىم. داغدام قەدەملىرىم بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدىم. قارىغاي مەندىن مەمنۇن بولدى. خۇشال ئىدىم. قەدىمىمنى تېخىمۇ چوڭ ئالدىم، «شار» يامغۇر يەنە ياغدى. مەن تەبەسسۇم قىلىپ:«تەسەللىي ئۈچۈن ياغدىڭمۇ يامغۇر.» دېگەچ ئىتتك قەدەملەر بىلەن كەلگۈسى يولىغا قەدەم ئالدىم .
(شېئىر كېرەمجان مۇھەممەدئېلىنىڭ «يامغۇر »دىگەن ناخشا تېكىستىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى .)
2016.12.15
ئۈندىدار :1182596903
213 قېتىم كۆرۈلدى | izchii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-13 16:09:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|