مېھىر بولماس يانالماس (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

مېھرى بولماس يانالماس
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

بوغۇپ قويسا قاناتى،
قۇشلار پەرۋاز قىلالماس،
مېھىرلەنمەي ئوزۇقتىن،
جەڭگاھلارغا بارالماس.

قېتىپ كەتسە يۈرىكى،
ھېچكىم ئۇنى ئاچالماس،
قەلب نۇرى ئۆچكەندە،
ۋىسالىنى تاپالماس.

تەندە روھلار بولمىسا،
ئىشىك ئېچىپ چىقالماس،
ئۈمىدسىزلىك دەستىدىن،
گۈللەرنىمۇ پۇرالماس.

ئازابىدا قىيلىنىپ،
ئورنىدىنمۇ تۇرالماس،
شۇڭا دەيمەن ئەي دوستۇم،
مېھىر بولماي يانالماس.
     





36 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 16:11:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ