ئەجەپ چىكىپ قاپتىمەن ئاقنى (بىر ئازغۇن يىگىتنىڭ تىلىدىن) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

ئەجەب چېكىپ  قاپتىمەن ئاقنى
تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى  
بىر ئازغۇن يىگىتنىڭ تىلىدىن


قەدىرلىمەي چەكلىك ھاياتنى،
دوست دەپ بىلىپ شەيتان ئاپەتنى،
ئۆز جېنىمغا ئۆزۈم قەست قىلىپ،
ئەجەب چېكىپ قاپتىمەن ئاقنى.

ئاقنى چېكىپ قالمىدى ۋىجدان.
ئاقنى چېكىپ قالمىدى دەرمان.
ۋەيران بولدى كەلگۈسى ئارمان.
ئەجەب چېكىپ قاپتىمەن ئاقنى.

ئاقنى چېكىپ ئۇنتۇلدى  ئەسلىم.
ئاقنى چېكىپ يوقالدى ۋەسلىم.
غازاڭ بولدى باھاردەك پەسلىم.
ئەجەب چىكىپ  قاپتىمەن ئاقنى.

قىنى خۇشال ئوينىغان چاغلار.
قېنى مەشرەپ ئوينىغان باغلار.
يۈرىكىمدە ھەسرەتلىك داغلار.
ئەجەب چېكىپ قاپتىمەن ئاقنى.

ئاپتۇر غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن
     





73 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-9 1:19:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ