شۇنداقمىدۇ ياشاش دېگەن ھەي - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

         شۇنداقمىدۇ ياشاش دىگەن ھەي

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

يۈرەك باغرىم ئېزىلىپ كەتتى،
تەقدىر پەلەك مېنى خار ئەتتى.
شۇنداقمىدۇ ياشاش ،دېگەن ھەي،
ئەڭ چاتىقى ئۆمرۈم نەگە كەتتى.

تەقدىردەيمەن جاپا كەلگەندە،
يۈرەكىمنى ئەلەم ئەزگەندە.
شۇنداقمىدۇ ياشاش ،دېگەن ھەي،
ئېچىنىمەن ئۆمرۈم كەتكەنگە.

ئارمانلىرىم باردۇر يۈرەكتە،
ئىنتىلمە ئوتلۇق تىلەكتە.
شۇنداقمىدياشاش ،دېگەن ھەي،
ئامال يوقكەن باشقا كەلگەنگە.

كەتتى ئۆمۈرقاياقلارغا ،ھەي،
ياشلىقىمنى ئېلىپ خوش ،دېمەي.
شۇنداقمىدۇياشاش ،دېگەن ھەي،
ياشاش ئۈچۈن قاياققا كېتەي.

ئۈندىدار 2318334127
     





46 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 22:11:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ