كۆزلەر تەگمىسۇن (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

  كۆزلەر تەگمىسۇن

مەمەتجان سەمەت


بەختىمىزگە كۆزلەر تەگمىسۇن،
قايغۇ ئەلەم دىلنى ئەزمىسۇن.
قەدىرلەيلى سۆيگۈ گۈلىنى،
جۇدۇنلاردا توزۇپ كەتمىسۇن.

غەمسىز خۇشال ئۆتسۇن كۈنىمىز،
پۇراق چىچىپ تۇرسۇن گۈلىمىز.
دىل ئازارى يىمەستىن پەقەت،
تاتلىق قېنىپ كۈلسۇن يۈزىمىز .

ئايرىلمايلى ۋىجدان ئەخلاقتىن،
بوپ قالمايلى نادان ئەخماقتىن.
ھەر قەدەمنى ئويلاپ باسايلى،
ھەزەر ئەيلەپ يامان شەيتاندىن.

ۋەدىلەرنى ئەستە چىڭ ساقلاپ،
بىر .بىرمىزنى يۈرمەيلى ئالداپ.
ئۈزۈلمىسۇن مەڭگۈ رىشتىمىز،
ئۆتەيلى بىز بەختلىك ياشاپ.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





280 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 4:05:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ