مىنى يالغۇز قويمىغىن يايرىم (شېئىر) - گۈلى نىياز

 يالغۇز قويمىغىن يايرىم 


 گۈلى نىياز 


زەپ خۇشال مەن سەن بار چىغىڭدا،
سەن يوق چاغدا بىلمەيسەن ھالىم.
شۇڭا سەندىن بىرلا ئىلتىماس ،
مىنى يالغۇز قويمىغىن يايرىم .

مىنى تاشلاپ كەتسەڭ يىراققا ،
سېزەمسەن يۈرۈگۈم يىغلىغان زارىم .
يالغۇزلۇق قىيناركەن كۈن ۋە تۈنلەردە،
مىنى يالغۇز قويمىغىن يايرىم .

مەن يوق يەردە كۆڭلۈڭ خۇشالمۇ؟
سەنمۇ مەندەك بولامسەن دائىم؟
يەنە سەندىن بىرلا ئۈمۈدۈم ،
مىنى يالغۇز قويمىغىن يايرىم .


2016-12-25 قارماي
     





174 قېتىم كۆرۈلدى گۈلى نىياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 16:47:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 15:09:09 توختوغۇجى.نىياز
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ مەن بەك ياختۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ