ئادەم دىمە
مىللىتىدىن تانغاننى سەن ئادەم دىمە ،
ھارامغا يول ئالغاننى سەن ئادەم دىمە .
غورۇر -ۋىجدان چاقناپ تۇرغان نۇر،لېكىن،
ۋىجدانىنى ساتقاننى سەن ئادەم دىمە .
بىرى داڭلاپ ئۆزىنى ۋىجدانلىق دەپ ،
ئادىمىيلىك قىممىتىدىن ئاچىدۇ گەپ ،
ۋاقتى كەلسە ھارام ئىشتىن ئالىدۇ نەپ ،
ھارام يولغا ماڭغاننى سەن ئادەم دىمە .
ياسالمىلىق ھەمراھدۇر ئاڭا ھەردەم ،
ئۇ ھەسەت دەرۋازىسىغا ئالغان قەدەم ،
تۈگىمەس سۇخەنچىلىك غەيۋەتنى ھەم ،
قۇچاقلاپ ياتقاننى سەن ئادەم دىمە .
تۇتۇش قىلماس ھالال ئىشقا يەڭ تۈرۈپ ،
تىخى يۈرەر بەڭگىدەك خىيال سۈرۈپ ،
ۋىجدانى بار ئەر تۇرۇپ ئەركەك تۇرۇپ ،
غەپلەتكە پاتقاننى سەن ئادەم دىمە .
كەمبەغەلنى ياراتماي باي غوجامنى تىپىپ ،
پۇلى بارنى شەرەتلەپ پۇلى يوقتىن قىچىپ ،
شۇ ئازغىنە پۇل ئۈچۈن غورۇرىنى سېتىپ ،
ھەق يولدىن يانغاننى سەن ئادەم دىمە .
دىلزات ئابدۇماناپ (سەھرا ئوغلى )
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-2 15:20:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |