سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ( ساتىرا )
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار)
چۈشۈپ كەتسۇن ھاڭلارغا ،
ئورا كولاپ كۈتىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
كۆزىنى مەھكەم تېڭىۋال.
ئۇتۇق قازىنىپ كەلدى ئاخىر ،
ھىيلە مىكىرلەرنى پۈكىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
ئەل ئالدىدا يۈزىنى تۈكىۋال.
نام تېپىپ كەتتى دوستۇڭ ،
غەيۋىتىنى راسا قىلىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
يۈرىكىگە بىر تىغ ئۇرىۋال .
بەك بەخىتلىك ئۆتۈپتۇ ،
ھەسەت ئوتىنى يېيىۋال.
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
يامانلىق قىلىپ ئايرىۋال.
پەس كۆرۈپ سەن ئۇنى ،
ئۆزەڭنى بىر چوڭ تۇتىۋال.
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
يوغان ماشىناڭنى كۆرسىتۋال.
كۆزى كۆرمەس بىراۋنىڭ ،
مازاق قىلىپ كۈلىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
ئۈسۈپ سۇقۇپ ئۈتىۋال.
پۇلى كۆپكەن بىر باينىڭ ،
كۈندە خۇشامەت قىلىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
ئەپلەپ -سەپلەپ ئېلىۋال.
خاتا قىلدى بىر ئىشنى ،
بارچە خەققە بىر دەۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
ئەيىپىنى تازا ئېچىۋال .
كىيىنىشى ئاددىي ئىكەن ،
مەتو دەپ ھەم تىللىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
بولسا ئازراق يىرتىۋال .
چىرايلىق ئىككى قىز كىلۋېتىپتۇ ،
بىرنىڭ نومۇرىنى سورىۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
ئەخمەق قىلىپ چېلىۋال .
ئاتا ئاناڭ نەدە دىسە ،
مەن ئالدىراش خوش دەۋال .
سەن قىلغاننى بىلمىسۇن ،
كېچە كۈندۈز ئوينىۋال .
يازسا شۇنداق بىر شېئىر ،
ئۆزەم يازدىم بىر دەۋال .
مەن يازغاننى بىلمەي قالسۇن ،
ئىمزايىڭىنى ئۆزگەرتىۋال.
2016-يىل 10 -ئاينىڭ 8-كۈنى. كېچە.
##ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-20 11:36:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|