يوق
قىزىل تۇمان
قۇپقۇرۇق بۇ بېشىم خىياللىرىممۇ يوق ،
كەلگۈسى ئۈمىدكە ئىشەنچىممۇ يوق ،
ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن ھايات ئۆتەڭلىرىدىن ،
توختاپ قېلىشقا ھېچبىر ئامالىم يوق ،
قۇرۇپ قالغان ئەتتىرگۈلگە كارىم يوق ،
گەر سانجىلسا تىكىنى ئاھۇ زارىم يوق ،
ئولتۇرۇپ قالىمەن ياشلىرىمنى سۈرىتىپ ،
ئورنۇمدىن تۇرۇشقا پەقەت ماجالىم يوق ،
بەلكىم مەندىكى ئىشەنىچ قىزغىنلىقمۇ يوق ،
ياشايمەن ئاددىيلا كۈلكىلىرىممۇ يوق ،
ھالسىردىم ھەربىر ئېغىر غەملەردىن ،
يىغلاي دېسەممۇ كۆز ياشلىرىممۇ يوق ،
قولۇمنى سۇنسام تاتقۇدەك ئادەم يوق ،
يىقىلدىم بەك قاتتىق يۆلەيدىغانمۇ يوق ،
قاراسلاپ سۇندى مەندىكى مەنمەنلىك ،
پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا پەقەت يوق ،
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-5 0:02:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|