كىملەر

كىملەر

 

يازغۇچىلار تورىدىن قىزىل تۇمان يازمىسى

 

تىنىچ كۆلدەك قەلبىمگە تاش ئ‍اتتى كىملەر،

 جۇدالىقتا ئ‍ازاپتا قان-ياش يىغلاتتى كىملەر

 سېلىپ قويۇپ يۈرەككە بارچە ئ‍ەلەم ھەسرەتنى،

 ھىجىراندا يۈرەكنى پارە-پارە قىلغانتى كىملەر.

 

مامكاپ كەبى توزۇپ كەتتى ئ‍ۈمىدتە كىملەر،

 چۆلگە سەرگەردان قىلىپ ئ‍اشىقنى تاشلىدى كىملەر.

 خەنجەر ئ‍ۇرۇپ يۈرەكنىڭ چوڭقۇر پىنھان جايىغا،

 ئ‍اجىز يۈرەكنى سوقۇپ ياشاشقا قويمىدى كىملەر.

 

ئ‍اي كەبى كۆڭۈل ئ‍اسمىنىمنى يورۇتتى كىملەر،

 ئ‍ازاپ ۋە ھىجىرانلىق تۇرمۇشقا باشلىدى كىملەر.

 زەھەر بېرىپ كۈلكىسىدىن ھەر بىر قاراشلىرىدا،

 ياشلىق باھارىغا زىمىستاننى چىللاپ كەلدى كىملەر.





111 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-9 23:20:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ