سېغىنغان كۈنى
(ناخشا تېكىستى)
نۇرئەلى
خوش دېمەيلا كېتەرمەن ئىشەن ،
سەن قەدرىمگە يەتمىگەن كۈنى ،
بىر كېتىمەن كەلمەيمەن قايتا ،
قەدرىم ئۆتۈپ سېغىنغان كۈنى .
شۇ كەتكەنچە يوقايمەن ئەبەت ،
يانلىرىڭدا كۆرمەيسەن پەقەت ،
پۇشايماندا چېكىسەن ھەسرەت ،
قەدرىم ئۆتۈپ سېغىنغان كۈنى .
كۆڭلۈڭ يېرىم يۈرىسەن شۇدەم ،
ئاچچىق ئازاب قېينىسا ھەردەم ،
بەخىت تىلەپ قالىسەن ئەركەم ،
قەدرىم ئۆتۈپ سېغىنغان كۈنى .
نۇرئەلى (ئېلى) بەڭۋاش
2016-يىلى 12-ئاينىڭ25-كۈنى كىچە
| 34 قېتىم كۆرۈلدى | 20150220 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-12 9:37:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|