كۈلۈپ ياشايمەن ھاياتىمدا - ئابدىراھمان ھېكىم

كۈلۈپ ياشايمەن ھاياتىمدا

ئابدىراھمان ھېكىم  ئىشەنچ، كۇچا

سەھەردە تىلەك ئىجابەت بولغۇسى،  
ئېلىپ كىلەربىزگە بەخىت تۇيغۇسى،
بوراندەك ئۇرۇلسا غەزەپ  نەپرىتى،
دۇئا  بىلەن  يوق   قىلىدۇ   ئىگىسى،

رەقىپ بۇلۇپ توسساڭ گەرچە  يۇلۇمنى،  
دوسلۇرۇم  سۇنۇدۇ  ياردەم  قۇلىنى،  
ئۇلار  قاراپلا   چۈشىندۇ   قەلبىمنى،  
ئازاپلانسام  تەڭ تارتىدۇ دەردىمنى،  

باسقان   قەدەم  قايتماس ھەرگىز   ئارقىغا،  
تىك  قىيا ھەيۋەت تۇرسىمۇ  ئالدىمدا،  
خەتەرلىك جىلغا بولسىمۇ ئاستىمدا،
شۇنداق كۈلۈپ ياشايمەن ھاياتىمدا،  

2016.11.2 كۇچا

506838927
     





148 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 13:11:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ