ھايات 
(ئابابەكرى ئىزگۈ)
ھايات ئۈچۈن نىمە مۇھىم بىلەمسەن ؟
مېلىڭ تۇرۇپ ئىھسان قىلساڭ ئۆلەمسەن.
ھەربىر كىمنىڭ ھەققى بارغۇ ياشاشقا ،
يەنە شۇنچە پىخسىقلىق قىپ يۈرەمسەن.
مىسكىنگە تائام بەر قىلما چوڭچىلىق !
ئىسىللىق  ئۇ  دىگەن  بىباھا  قىلىق .
ياردىمىڭ ئايىما دەردمەن گادايغا ،
كىشىگە ھەم بولغىن سىپايە سىلىق .
تۆت كۈنلۈك ئالەم بۇ شۇنچىلىك قىسقا ،
نام قالدۇر ئىزدەنگىن بولمىغىن لەقۋا .
گەر جاپا تارتساڭمۇ چىدىغىن چىشلەپ ،
ھەق يولدىن يانمىغىن بولغىن ھەم تەقۋا .
كەينىڭدىن گەپ تاپسا غەيۋەتلەر قىلىپ ،
ھۆرمەت قىل يامانغا ياخشىلىق قىلىپ .
كىشىنىڭ كىشىدە  قالماس   زەررىچە ،
بۇ دىگەن ئەزەلدىن ئۆزگەرمەس قېلىپ .
2016 - يىلى كورلا
      
| 93 قېتىم كۆرۈلدى | ababakiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-7 21:17:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |