ئۆلدىمۇ ئىنسانلىقىمىز - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

ئۆلدىمۇ ئىنسانلىقىمىز 

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


 يىتىملەر كۆزدىن ياش ئاققۇزۇپ كۈلدۇق،
ئاجىزنى قاخشىتىپ بىز قەھرىمان بولدۇق.
شۆھرەت-ئاتاققا باغلىنىپ ئىشرەتتە يۈردۇق،
راس ئەمدى ئۆلدىمۇ بىزنڭ ئىنسانلىقىمىز!؟

تىكەننى گۈل دېدى,ياق دىيەلمدۇق،
قارلىقىنى بىلدۇق يۇ,ئاق دىيەلمدۇق.
ئۇرۇقنى بودەك دېدى, ئاۋاق دىيەلمدۇق،
راس ئەمدى ئۆلدىمۇ بىزنڭ ئىنسانلىقىمىز!؟


بېيىدى سودىگەر ماشقا تاش قېتىپ،
پارىخورلار ھوقوقنى پۇل-مالغا سېتىپ.
ئەقىلنىمۇ قىلۋەتتۇق ھارامغا سەرىپ،
راس ئەمدى ئۆلدىمڭ بىزنڭ ئىنسانلىقىمىز!؟


يىگىتلەر كەيىپتىن بىھۇش ئىگىلدى بېشى،
قىزلارنىڭ قولدا رومكا چۇۋۇلدى چېچى.
ئاتلارمۇ قان يېغلاپ قاتتىغۇ بېشى،
راس ئەمدى ئۆلدىمڭ بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىز!؟


ۋابانى تاراتتۇققۇ ئۆز تۇرۇپ ئەلگە،
ئاخىرەت پاتىمىزغۇ ئىككى مىتىر يەرگە.
ھەسەتخورلۇق ئەمەسمۇ ئۆلۈمدىن بەلگە،
راس ئەمدى ئۆلدىمڭ بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىز!؟  
     





53 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-23 22:28:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ