كۆردۈم - ناخشا تېكىستى

 كۆردۈم
( ناخشا تېكىستى )
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئ‍وتقاش

مەن سېنىڭ يارىڭ دەپ يۈرگەننى كۆردۈم،
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگەننى كۆردۈم.
كۈن چۈشۈپ بېشىغا زار-زار يىغلىسا،
تەسەللى بەرمەسدىن، كۈلگەننى كۆردۈم.

سۆيگۈنىڭ ئ‍وتىدا كۆيگەننى كۆردۈم،
نەپسىگە چوغ تارتىپ سۆيگەننى كۆردۈم.
پاك سۆيگۈ، ساداقەت، چىن مۇھاببەتنى،
خار قىلىپ ئ‍اقىۋەت ئ‍ۆلگەننى كۆردۈم.

سۆزلىرىم ھەقىقەت كۆرگەننى كۆردۈم،
ياخشىغا قاپاقنى تۈرگەننى كۆردۈم.
كۈتسىمۇ ئ‍ۆز يارى  مېھرىنى بىرىپ،
كۆڭلىنى ئ‍ىككىگە بۆلگەننى كۆردۈم.

ئ‍ىشلەتكۈچىلەر ئ‍اپتورنى ئ‍ىزدەڭ
ئ‍اپتورنىڭ ئ‍ۈندىدارى: otkax0991

     





28 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئ‍وتقاش ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-25 21:48:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ