ئۇستازىمغا (شېئىر) - پازىلجان سىدىق

ئۇستازىمغا (شېئىر) 

پازىلجان سىدىق


گىپىڭنى ئاڭلىماي قاقشاتتۇق سىنى،
كەلمەستىن يوق تىلغا قويدۇردۇق سىنى.
قەدرىڭنى بالدۇراق بىلمەستىن ئەمدى،
ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئەسلىدۇق سىنى.

مەكتەپكە بارماستىن قىچىپ يۇرگەندە،
كۆرگەندە نەسىھەت قىلىپ كىتەتتىڭ.
دەرىسنى ئاغزاكى سۆز بىلەن ئۆتمەي،
كىچىچەڭ تەييارلىق قىلىپ ئۆتەتتىڭ.

پۇللاردىن قىيلىنىپ بىرەلمىگەندە،
يىنىڭدىن پۇل بىرىپ تۆلىۋىتەتتىڭ.
شۇنچىلىك ئەسكىلىك قىلىپ تۇرساقمۇ،
دەرتلەنى ئىچىڭگە يۇتىۋىتەتتىڭ.

ئەمدى مەن ھوشۇمنى بىلگىنىمدە،
سىنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەنمەن.
ياخشىراق ئۇگەنمەي سىنىڭ بارىڭدا،
لۆكچەكتەك كوچىدا يۇرگەن ئىكەنمەن.

شۇندىمۇ سىنىڭدىن مەڭگۇ رازىمەن،
ھاياتنى قايتىدىن تونۇتقىنىڭغا.
بىزدەكلەر ئۇچۇن ياشلىق چىغىڭنى،
مەرىپەت يولىدا ئۈنۇتقىنىڭغا.

    1542984363
     





748 قېتىم كۆرۈلدى xungkar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 2:01:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ