ئىككىنچى يۈرەك (نەسىر) - سۈبىھىنۇر ئەبەي

ئىككىنچى يۈرەك (نەسىر)

سۈبىھىنۇر ئەبەي  


شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى قايتا ئىزدىمىدىم. ئۈمىد-بەخىتسىز ئادەمنىڭ يۈرىكى بولسا مېنىڭ ئىككىنچى يۈرىكىم نەدە؟

  تېخى بايىلا ياتاقتىن چىققاندەك قىلغانىدىم ،قانداق كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا يەنە ئالدىراپ بېكەتكە قاراپ چاپتىم.بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن بېكەتتە ئادەم مىغ-مىغ ئىدى.ئاپتۇبۇسنىڭ كەلمىكى ئوڭاي ئەمەس يەنە كېلىپ دەم ئېلىش كۈنى ھەممىلا ئادەم بۇ يەرگە توپلاشقانىدى.ساقلا –ساقلا ئاپتۇبۇسمۇكەلدى.ھېلىمۇ بىلگەندەك ئاپتۇبۇسقا  يېقىنلايەردە تۇرۇپتىمەن.قىستىلىپ كىرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولمىغىدەكمەن.ئىشىك ئېچىلدى،مەن  ئاپتۇبۇسقا چىقتىم –دە، ئادەم شالاڭ يەرنى ئىزدەپ ئاپتۇبۇس ئارقىغا قاراپ ماڭدىم.دەرۋەقە ئىچىدە مېنى كېلىپ تۇرسۇن دېگەندەكلا بىر ئورۇن بار ئىكەن شۇ يەرگە بېرىپ تەرلىرىمنى سۈرىتىپ باياتتىن بېرى ئاغزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمىگەن سۇنى گۈپىلدىتىپ ئىچتىم.توغرا ئەمەس بىرسى بايىدىن بېرى ماڭا قاراۋاتىدۇ. مەن شۇنداقلا ئۇنىڭغا  قاراشتىن خىجىل بولۇپ ئۇيان –بۇيانغا قارىغان قىياپەتتە شۇ تەرەپكە قارىدىم .چېچى قوڭۇر،كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇردىغان ،ساقال-بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان ،خۇرۇم چاپىنىنىڭ ئىچىگە ياراشتۇرۇپ چاقماق كوپتا كىيگەن مەن دەمەتلىك بىر بالا ماڭا قاراپ تۇراتتى.بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقنى ھېس  قىلدىم،چۈنكى بۇ كۆزلەر بۇرۇن ماڭا قارىغان كۆز ئەمەس ئىدى.ھېچ بىر نۇردىن، مېھىردىن ئەسەرمۇ يوق ...شۇنچىلىك سۆرۈنكى قولۇمدىكى سۇنى ئاغزىمغا ئەمەس بېشىمغا قۇيىۋەتكەندىمەنمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.مەن تۇيۇقسىز نۇرغۇن تەييارلىقنى قىلمىسام بولمايدىغاندەك جىددىلەشتىم .ئاپتۇبۇس ھېلىھەم مېڭىۋاتاتتى.ئادەملەر بارا –بارا ئازلاپ ئۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋاتاتتىم.ئاپتۇبۇس مېڭىپ بىر بېكەتكە كەلگەندە ئۇ ئىشىك ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدى.ئاپتۇبۇس توختىدى ئۇ يىراقلاردىن چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتاتتى،ئۇ ئادەملەر توپىدىن چىقتى مەنمۇ قەدەملىرىمنى تېز-تېز ئېلىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، مەن مېڭىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئاللا بۇرۇن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ بېكەتتە ساقلاپ تۇرغان قىز دوستىنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى.بۇ كۆرۈنۈنۇش نېمىدېگەن تېز ؟قىزنىڭ يىگتىكە قاراپ ئاپتاپتەكۈلۈمسىرەشلىرى مېنىمۇ ئىللىتتى.مەن ئاپتۇبۇستىن چۈشمىدىم.ئاپتۇبۇس ئىشىكى كۈچلۈك سىلكىنىپ يېپىلدى.شۇ ئەسنادا بېشىمنى ئاۋايلاپ كۆتىرىپ ئىشىككە قارىدىم. قانچىلىك يوللارنى ماڭغان بولغىيدىم ،ئاپپاق تەنتەربىيە ئايىغىمنى نەچچە ئاي پۇل يىغىپ ئالمىغان بولسام ئۆزۈممۇ بۇ ئاياقنى ئاق دېيەلمىگەن بولاتتىم.سومكامنىڭ سېرىتمىسى بۈگۈنلا ئېچىلىپ قالغانمىدۇ؟چاپىنىمنىڭ ئالدىغا بىركىم سۇ تۆكىۋەتكەنمىكىنا؟چېچىمنى قاچاندىن بېرى بۇنچە ئېگىز تۈگۈۋالدىغان بولىۋالدىم .. .سوئاللار چەكسىز،جاۋابلار ئازاپلىق ئىدى .شۇتاپ كۆڭۈل دەرۋازامنى بىركىم كۈچەپ قاققاندەك كۆڭۈل قۇلۇپلىرىمنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم .ئىشىك ئېچىدى مەن ئادەملەر توپى بىلەن تەڭ ئىتتىرلىپ ئاپتۇبۇستىن چۈشتىم.                    نېمانچە سوغۇق،شارپا بولسىمۇ ئارتىۋالغان بولسام ئازراق دالدا بولارمىكىنتاڭ.قاچانلاردىن بېرى ئۆزۈمنى بۇنچىلا تاشلىۋەتكەنلىكىمنى بىلىمەن.لېكىن يەنە قاچانلارغىچە مۇشۇنداق بولدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام بايا ئاپتۇبۇستا ئۇ بالغا قارىمىغان بولاتتىم.باشقىلار مەسخىرە نەزرىدە تىكىلگەن بولسا شۇ كۆزلەر ئالدىدا مەسخۇش بولمىغان بولاتتىم.ھاياتقا قارىتا مۇھەببىتى ئۆلگەن كىشىنىڭ تەشتىكىدە يېشىللىق بولمايدۇ،ئۇلارغا ھەمرا بولىدىغىنى  دانچە-دانچە قۇم خالاس ،لېكىن يەنىلا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن قۇرۇق تەشتەكنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان تالاي كۆڭۈللار ئالدىدا شۈكۈرلەر بولسۇن.تەشتىكىمۇ يوق قۇم دانىچىلىرى قول ئالقانلىرىدا تىپىرلاۋاتقان كۆڭۈللەر ئالدىدا شۈكۈرلەر بولسۇن. ئۈمىد راستىنلا بەخىتسىز ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكىمىدۇ؟ئەمىسە مېنىڭ ئىككىنچى يۈرىكىم قەيەردە؟                                               

   خۇشاللىقنىڭ غېرىپى بولۇپ تالاي كېچىلەردە نېمىلەرنى ئويلىمىغان بۇ كۆڭۈل، لېكىن كۈن يانپاشلاپ چىقىپ ئاسمان قىزىل ئەتلەس رەڭگىگە چۆمۈلگەندە ئۇ يەنىلا رېئانلىق ئاپتىپىدا كۆيىدۇ ئەمەسمۇ؟ بەخت بىزگە تەبەسسۇم  قىلىشنى ئۆگەتكەن تۇرۇقلۇق نېمىشقا قايغۇ ئىچىدە قاقاقلاپ كۈلۈشنى دېمىگەن بولغۇيتى؟ئۈمۈد -پىل جىسمىنى پەيدەك ئۇچۇرغان قانات دەيدىكەنغۇ؟كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ پەيدەك ئۇچارمەنمۇ؟ياق ئۇچىشقىمۇ مۇيەسسەر بولارمەنمۇ؟ئۈمۈد-گۈزەللىك پەرىشتىسنىڭ تىنىقلىرىدا يەلپۈنۇپ تۇرغان توزاق دەيدىكەنغۇ؟.شۇ تىنىقلار يەنە نىسىپ بولارمۇ؟

作者:北京市海淀区中关村南大街27号中央民族大学维吾尔语言文学系学生苏比努尔·艾拜

联系方式:13699227673

ئاپتورى مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىسى: سۈبىھىنۇر ئەبەي  






83 قېتىم كۆرۈلدى سۈبىھىنۇر ئەبەي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-14 22:22:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ