مۇزلىغان يۈرەك

مۇزلىغان يۈرەك

ـ

 زىمىستانغا باشلاپ يۈرەكنى،

 ۋىسالىڭدىن يىراق قىلدىڭ سەن .

مۇزلاپ كەتتى ئاجىز بۇ يۈرەك،

 سەندىن ئۈمىد كۈتكەچكە مەن.

ـ

 ئۈمىدلىرىم كۆزىدە لىق ياش،

 قايتىپ كەلدى كۆڭۈل ئاغرىتىپ.

 ئىزدەي ئەمدى كىمدىن تەسسەللى،

 مىسكىن يۈرەكنى قايتا يايرىتىپ.

 ـ

 يۈرەكلىرىڭ تاشمۇ يا سىنىڭ،

 ئاغرىمىدى سۆيگۈمگە ئىچىڭ .

كۆرۈپ تۇرۇپ قايغۇ ھەسرەتنى،

 ئاقمىدى يا بىر تامچە يىشىڭ.

 ـ

 نە ئۈچۈن سەن بولدۇڭ باغرىتاش،

 ئاغرىتىسەن ئاشىق كۆڭۈلنى .

ئەمدى كىمدىن تىلەي مەن  سۆيگۈ،

 ئىلىپ مۇزدەك قاتقان يۈرەكنى؟

ـ

 ھايات♡يولۇم

 2015.7.27





238 قېتىم كۆرۈلدى hayatyolum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-31 2:15:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-31 18:30:12 rana
xundak yahxi yizipsiz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ