ئامانگۈل
دوستىڭىز «A»
ئىسمىڭىزنى قۇيۇپتۇ ئامانگۈل ،
ئامان بولسۇن دەپ قويغانمىدۇ .
گۈلنى قۇيۇپ ئارقىغا زىننەتلەپ ،
گۈلدەك سىزنى بولسۇن دىگەنمىدۇ .
ئىسىم شۇنداق ئازۇلارغا قۇيۇلغان ،
جاھان ئىشى سەۋەپسىز بولمىغان .
بىرمەكتەپتە تۇرۇپ تۇنۇشمىغان ،
دوستىڭىز قىلىدۇ مۇنداق بايان .
بىر قاراردا ئۈچ يىل بىر بىنادا ،
تۇنۇشمىغان تەغدىر پىشانىدا .
ھەيران مەن بۇ بىر ھېكمەتتۇر ،
تۇنۇشتۇق بۇ مەۋھۇم دۇنيادا .
غەيرەتلىك تىرشىپ ياشىغىنىڭىزنى ،
ھەرداۋان يولدىدىن ئاشقىنىڭىزنى .
بىلدىم ئارزۇ ئۈمۇت نىشانىڭىزنى ،
سۈيۇندۇم بىلىپ تىلەكلىرڭىزنى .
ئەقىدە ئېتقاتى مۇستەھكەم باغلانغان ،
ۋەسلىنى ھەم ئەسلىنى ئۇنۇتمىغان .
يۈرەكتە كۆيگۈ بولسىمۇ ئامانگۈلنىڭ ،
سۆيگۈ كۆيگۈنى نىكاھقا ساقلىغان.
تىلەيمەن بوشاشماي ياشىشىڭىزنى ،
راس يالغان سۆيگۈنى بىلشىڭىزنى .
ئادەم ئازىدۇ ئېزىپ قالسىڭىز گەر ،
ئازغان يولدىن تېنىپ كېتىشىڭىزنى .
قائىلمەن بۇخىل ئىرادە غەيرەتىڭىزگە ،
خېلى ئەر كېلەلمەس بۇ غەيرەتلەرگە .
ئىرادە ھەم ئېتقات كەلسە بىر يەرگە ،
قىزلار ھەرگىز ئاجىز ئەمەس ئەلۋەتتە .
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-19 22:24:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|