چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ - ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

چۈنكى ئىنسان ئۆلۈپ كېتدۇ

ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى

ياخشىلارمۇ ئۆلۈپ كېتدۇ،
رەزىللەرمۇ ئۆلۈپ كېتدۇ.
ئەجەل باردۇر ھەر بىرمىزگە،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

ئالدىمىزدا نۇرغۇن قەدەملەر،
شۇننى ئادەم يۈرۈپ كېتدۇ.
ئىز قالدۇرسا دەيمەن ئادەملەر،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

ئىز سالساقمۇ پاك ئەجرىمىزدىن،
زارلانساقمۇ تەقدىرىمىز .
ئايرىلارمىز ئۆز قەدرىمىزدىن،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

پۇللار تېپىپ بوپ كەتسەكمۇ باي،
گۈزەل باققا سالساقمۇ ساراي.
ئەجەل دېمەس باي ،مىسكىن ،گاداي،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

ئەسكى بولماق ئاساندۇر ،ئاسان،
ئاقۋىتى لىكىن بەك يامان.
شۇم ئەجەلدىن قالمايمىز ئامان ،
چۈنكى ئادەم  ئۆلۈپ كېتدۇ.

ئالەم كەڭرى ئادەمدىگەنگە،
لىكىن باقماس بېغەم يۈرگەنگە.
قەدرىڭ بولار قەدىر لىگەندە،
چۈنكى ئادەم  ئۆلۈپ كېتدۇ.

ئۇشبۇ دۇنيا سېناقتۇر بىزگە،
ئۆلۈم باقماس خارغا ئەزىزگە.
زارلانمايلى تەقدىرىمىزگە،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

كەتتى نۇرغۇن مەن مەن دىگەنلەر،
ئارزۇيىدىن دەۋران سۇرگەنلەر.
قېپقالمىدى بىغەم يۈرگەنلەر،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

بۇ ئالەمدىن كەتكەنلەر نۇرغۇن،
ھامان ئىنسان ئەجەلگە تۇتقۇن.
ئىز قالدۇرۇش نىيتىدە بولغۇن،
چۈنكى ئادەم ئۆلۈپ كېتدۇ.

ياخشى يولدا ماڭساق ئۆزىمىز،
ئۆلسەكمۇ گەر ئۆچمەس ناممىز.
ئەۋلاتلارغا قالار ئىزمىز،
چۇنكى ئادەم ئۆلۈپ كېدۇ.

ئۈندىدار  2318334127
2016..10..19
     





66 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 10:30:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ