ئەڭ ئەسكى ئانا
(نەسىر)
مىنىڭ ئانام بارلىق ئانىلار ئارىسدىكى ئەڭ ئەسكى ئانا . مىنڭ ئانامنىڭ بەكلا ئىچى تار ،باشقىلارنىڭ مېنى ئۆزىدەك ئەركىلىتشنى ئەسلا خالىمايدۇ. مىنىڭ ئانام بەكلا زىغىرچى،باھانىسى كۆپ،گىپى تولا دائىم ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلشۋالدۇ، ھەمىشە كىچىك ئىشلارنى دەپ توختىماستىن سۆزلەيدۇ ،تاماقنى ئاز يىدىڭ ،سوغۇق ئىچىملىك نى كۆپ ئىچتىڭ ،زىيانلىق نەرسلەرنى كۆپ يىدىڭ ،،،،، ، ئىشقىلىپ بىكارتۇرماي ئەيلەپلا تۇردۇ مىنىڭ ئانام بەكلا پىخسىق،ماڭا ئوقۇش پۇلى ،ماتىريال پۇلۇمدىن ئارتۇق پۇل بەرمەيدۇ، ئۇنى بۇنى باھانە قىلىپ پۇل بولسىمۇ يوق دەپ ، بالىلاردەك چوكا مۇز ئېلىپ يىگىلى،ئۆزۈم ئامراق ئۇيۇنچۇقلارنىغۇ ئەسلا ئېلىپ بەرمەيدۇ ، ئېغزىمنى ئىتىش ئۈچۈن ماڭا دائىم )ئارتۇق پۇل ئادەمنى ئاسان يولدىن چىقىردۇ ،) دەيدۇ، مىنىڭ ئانام ئىشلىرىمغا ئارلىشۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،كىم بىلەن دوست بۇلۇشىنى قايسىسى باللار ئارلاشماسلىقمنى ئۆزى بەلگىلەپ بېرىدۇ،ساۋاقداشلار يىغلشدىن باشقا دوستلار ئارا ھەرخىل ئولتۇرۇش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت لىرگە قاتنىششىمنى ياقتۇرمايدۇ ،مىنىڭ ئانام مۇشۇنداق مۇتەسسىپ ،زاماننىڭ ئارقىدا قالغان ،،، ئانامنىڭ مەن بىلەن پەقەتلا كارى يوق .بالىلارنىڭ يېڭى كىيىم- كېچەك ئالغىننى ،مىنڭمۇ كىيگۈم بارلىقىنى دىگىنمدە ،ئاددي- ساددا بۇلۇشۇمنى ،مودا قوغلاشماسلىقىمنى ئۇلارغا ھەسەت قىلماسلىقمنى تاپلاپ، يەنە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلىدۇ ،ھەر قېتىم شۇنداق . كىچىكلىكمدە قىلغان بەزى ئىشلارنى ئويلسام يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتىدۇ ،،،،شۇنچە جاپايمنى تارتىپ ،،،، توۋا دەيمەن، بالا بۇلۇپ ئانامغا نىمە قىلىپ بەردىم ،،،،توختىماستىن ئەيپلەپ ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنىشلىردىن ،ماڭا بولغان مېھىربانلىقىدىن يۇچۇق ئىزدەشتىن باشقا قۇلۇمدىن يەنە نىمە كەلدى ؟؟ ئەمدى بىلسەم ئانامدەك ئانىلاردەك ئېسىل،پەزىلەتلىك ،دىيانەتلىك ئىنسان بۇ دۇنيادا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسكەن ،،،تۇنجى ئۇغۇز سۈتى تىلىمغا تامغاندا ،شۇ تېمىشى بىلەن دىلىمغا ئاقلىقنى باشلىغانكەن .بۇ ئاقلىق ئنام ۋۇجۇدۇدىكى پاكلىقتىن كەلگەن ئىكەن،، مەن ئانامنى ئىچى تار دەپتىكەنمەن ،ئەمدى بىلسەم ئانام ماڭا ئۆزگىلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىن مېھرى- مۇھەببتنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ،ماڭا باشتىن- ئاخىرى كۆيۈنەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە باشقىلارنىڭ يۈزەكى مېھىر كۆرستىشلىردىن مىنى قاچۇرغانكەن . كىچكىپ بىلىپتىمەن ،ئەسلى ئانام قۇسۇرچى ئەمەسكەن ،مەندەك يۈرەك پارىس،كۆز گۆھىرىنىڭ تىنچ -ئامانلىقى ئۈچۈن باش قايتۇرغانكەن.شۇ چاغلاردا ،مىنىڭ قۇلۇمغا تىكەن كىرسە ئانام يۈرۈكىگە خەنجەر سالغاندەك ئازابلىنشىنى ھېس قىلالمىغانكەنمەن،مانا بۈگۈن قاتتىق ئىزتىراپ چەكمەكتىمەن،پۇشايمانغا دورا بارلىقىنى كىم ئاڭلىغان ؟ئاھ،ئۇرماقتىن باشقا چارەم يوقتۇر ،،،، گۇناھكارمەن ،، نە ئۈچۈن شۇ ئەزىزەمنى پىخسق دىگەن بولغۇيتۇم -ھە؟!! مىنى يولدىن چىقىپ كەتمىسۇن ياخشى نىيەتلىك ،دۇرۇس ئادەم بولسۇن دەپ قالايمىقان خىراجەتلىرىمنى قۇلۇمغا بەرمەي كىتاپ ئېلىپ ئىشكاپمنى تولدۇرغان ئاشۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ نەقەدەر مەرد، سېخىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن بۈگۈن،،،،ئانام ماڭلا ئەمەس ئۆزىگىمۇ چەك قۇيۇپ ئۆزىنىڭ ئادىميلىك دۇنياسدىكى ھاۋايى -ھەۋەسلىردىن ۋاز كېچىپ مىنى دەپ دۇنيا يىغقان شۇ ۋاپادارىمنى نىمە ئۈچۈن خاتا ئەيپلىدىم ،،، شۇ تاپ سېغىنۋاتمەن،ئارمان قىلۋاتمەن ،مۇمكىن بولسا ئانامنىڭ ئىشلىرىمغا كۆپرەك ئارلىششنى ،،، ئەينى چاغلاردا ،ئۆزەمنىڭ تېخى قانىتى قاتمىغان قۇش بالىسى ئىكەنلىكمنى ئۇنتۇپ ئۆزەمچە چوڭ بولدۇم دەپ ئىشلىرىمغا ئۆزەم قارار چىقىرمەن دەيتىم ،ئانامنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن يەڭگىل شامال سوققاندەك ئۆتۈپ كىتەتتى . ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قېلىشىمدىن ئەنسرگەن ئەزىزىم ئانام ،مىنىڭ ئۈچۈن كىچە -كۈندۈز غەم يىگەنكەن. مەن سىرتلاردا دوستلۇرۇم بىلەن ئۇيۇن چەمبىركىدە ئايلىنىپ يۈرگىنمدە مېھرىبانىم مىنى كىلىپ قالار دەپ يوللۇرۇمغا قانچە تەلمۈرگەن بولغۇيتى؟ ھەجەپ ئەقىلسزكەنمەن پاسبانىم ئانا ،،،، ئشلىرىمغا ئارلاشمىسىڭىزچۇ ئانا ،مەنمۇ چوڭ بولدۇم) دېگەنكەنمەن بىر چاغلاردا ئاناجانىم كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ،،، بىلسەم بالا دېگەن چېچىغا ئاق سانجىسمۇ ئاتا - ئانا ئالدىدا يەنىلا مەڭگۈ بالا ئىكەن . ئانام ئالدىدا قانچىلىك ئەيبكار ئىكەنلىكىمنى بارغانسېرى ھېس قىلۋاتمەن ،،،، ئانامنىڭ مەن بىلەن كارى يوق دىگەن تىللرىمغا قايسى جازانى تىلەي،،،مىنى ساغلام چوڭ بولسۇن ،روھى ساپ بولسۇن،كىشنىڭ ھالىغا يتدىغان كۆڭلى ياخشى ،نىيەت ئىقبالى دۇرۇس ئادەم بولسۇن دەپ ،ئاددىي- ساددا ،مىھېر -مۇھەببەتلىك بۇلۇشۇمنى ئىستىگەن پەرىشتە ئانامغا لاياقەتسز دىگەن قالپاقنى كىيدۈردۈمغۇ ئاخىر،، بېشىمنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ ،قايتا ئويلاندىم،خاتالىق بولا شۇنچىىك بولا بىز پەرزەنتلەر ئانىلىرىمىزنى ئەڭ ئۇلۇغۋار سۆزلەر بىلەن مەدھىيەلىشمىز ،ئۇنى ئەڭ گۈزەل سۆزلەرنىڭ دەبدەبسى بىلەن شەرەپ مۇنبىرگە ئېلىپ چىقىشىمىز كېرەك ،شۇنداق ئەمەسمۇ ئەڭ ئەسكى ئانا،ئەمەليەتتە مىنىڭ ئانام ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ ئۆزى ئەسكى نامىنى ئالغان ئۇلۇغ ئانا ،،، ھەر زامان ئېسمىزدە ،بارچە ئانلار پەرزەنتلەرنىڭ قۇربانىدۇر.
خ.چەشمە يازمىسى
508 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 4:29:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|