سېنى كۆرمىسەم دەيتتىم 
💔 تەقدىر 💔 خوتەن قىزى  مىھىرنىسە ئابدىرىشىت 
كىتىۋاتسام يوللاردا غەمسىز ،
شۇنداق خۇشال ، كۈلكەم ياڭرىتىپ .
ئۇچراپ قالدىڭ ئالدىمغا جېنىم ،
يۈرۈكۈمنى تىلىپ ، ئاغرىتىپ .
خالىمايتتىم سېنى كۆرۈشۈشنى ،
ئاھ … ئۆزۈمنى بۇنچە زارلىتىپ .
سېغىنساممۇ جىمجىت چىدايتتىم ،
كۆزلىرىمنى ياشلاپ ، مۇڭلىنىپ .
راسلا دىلدىن سۆيەتتىم سېنى ،
قالغان شۇڭا يۈرەك يارلىنىپ .
سېنى كۆرۈش ئازاپلىق لىكىن ،
غېرىب بولغان سۆيگۈم خارلىنىپ .
نىمىشقىمۇ كۆرگەنتىم سېنى ،
شاتلىقىمدىن قالدىم ئايرىلىپ .
دىلىم ئۆكسۈپ كەتتى بىلەمسەن ،
قارىغانتىڭ  ئاستا قايرىلىپ .
سېنى پەقەت كۆرمىسەم دەيتتىم ،
ئاچچىق ئۆتمۈش ، ئېسىمگە كېلىپ .
يىللار بېرى يىغلاتقان مېنى ،
يۈرۈكۈمدە ئۆچمەس داغ قېلىپ .
ئانىڭىزنىڭ ئاق سۈتىنى ئەمگەن بولسىڭىز ، ئىسمىمنى ئۆچۈرمەڭ ، كۆچۈرمەڭ ، قالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ ، ئەسلىسىنى تارقىتىڭ . ئەجرىمگە  ھۆرمەت قىلىڭ .
2016     -   11    -     20    
      
| 91 قېتىم كۆرۈلدى | مىھىرنىسە ئابدىرىشىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-21 9:23:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |